ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىغا ئىئانە چاقىرىقى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ تەرەققىياتى، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىلىشى ئۈچۈن –ئىسلام سوئال جاۋاپ سەھىپىسىگە ئىئانە قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

قەرزدارنىڭ قەرزنى ئادا قىلىشتىن ئىلگىرى ھەج قىلىشىنىڭ ھۆكمى.

04-12-2008

سۇئال 11771

يولدىشىم تىجارەتتە چوڭ زىيان تارتىپ بانكىغا ۋە تۇغقانلارغا قەرزدار بولۇپ قالدى، بۇنى ئادا قىلىشقا بىرقانچە يىل ۋاقىت كېتىدۇ، بىزنىڭ مۇشۇ ھالەتتە تۇرۇپ ھەج- ئۆمرە قىلىشىمىز توغرا بولامدۇ؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.

ھەجنىڭ شەرتلىرىدىن بىرى ھەج قىلماقچى بولغان كىشى ھەج قىلىشقا ئۆز مال- دۇنياسى بىلەن قۇدرىتى يېتىدىغان بولىشى كېرەك. (بۇ يەردە مالىيە جەھەتتىكى ئەھۋالى كۆزدە تۇتىلىدۇ).

قەرزدار كىشىنى قەرز ئىگىلىرى قەرزنى ئادا قىلىشتىن ئىلگىرى ھەج قىلىشتىن توسىدىكەن، ئۇ كىشىنىڭ ھەجگە ئاتلىنىشى توغرا ئەمەس، چۈنكى ئۇ كىشى ھەج قىلىشقا مالىيە جەھەتتىن قادىر بولالمايدۇ، ئەمما ئۇلار ئۇ كىشىنىڭ ھەجگە بېرىشىنى توسماستىن ئەپۇ قىلغان بولسا ياكى قەرزنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىپ بەرگەن بولسا، ئۇ كىشىنىڭ ھەج قىلىشى دۇرۇس بولىدۇ ۋە ھەج ئىبادىتىمۇ توغرا بولىدۇ.

شۇنىڭدەك قەرزنى ئادا قىلىشنىڭ ۋاقتى بېكىتىلمىگەن بولسا قاچان پۇل تاپسا قەرزنى شۇ ۋاقىتتا ئادا قىلىدىغان بولسا ئۇ كىشىنىڭ ھەجگە ئالدىرىشى ياخشى، بەلكى ھەج مەۋسۇمى ئۇ كىشىنىڭ قەرزنى تولۇق ئادا قىلىشىدا ياخشى ياردەمچى بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.

توغرىسىنى ئاللاھ بىلگۈچى.

ئىمكانىيەت
« ئىسلام سۇئال جاۋاپ تورى » دىن كۆرۈش