ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىغا ئىئانە چاقىرىقى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ تەرەققىياتى، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىلىشى ئۈچۈن –ئىسلام سوئال جاۋاپ سەھىپىسىگە ئىئانە قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

خەتنە قىلش ۋە يىڭى مۇسۇلمانغا ئىسىم تاللاش

15-02-2007

سۇئال 1150

مەن بولسام بىر دانىيەلىك يىگىت . مەن ئىسلامغا خېلىدىن بىرى قىزىقىپ كەلدىم . ھازىر مەن ئۆزۈمنىڭ بىر مۇسۇلمان بولۇشنى خالايدىغانلىقىمنى پۈتۈنلەي جەزىملەشتۈرىدىغان بىر باسقۇچقا يىتىپ بولدۇم .مىنىڭ سۇئالىم تۆۋەندىكىچە : مۇسۇلمان بولۇش ئۈچۈن خەتنە قىلدۇرۇشۇم كىرەكمۇ ( بۇنى مەن خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىمەن ) ھەمدە ئۇ قانداق ئورۇنلىنىدۇ ؟ ئۇنى دوختۇر ياكى ئىمام ئارقىلىق قىلدۇرىمەنمۇ ياكى ئۆزۈم قىلىمەنمۇ ؟ - مەن مۇسۇلمان بولغىنىمدا ئىسمىمنى ئۆزگەرتىش راستىنلا بىر خۇشاللىق ئىش دەپ ھىس قىلىمەن . بىراق مەن تۆۋەندىكى ئىسىملارنىڭ قايسىسىنى سىلەر مىنىڭ يىڭى بىرىنچى ئىسمىم بولۇشقا ئەڭ مۇناسىپ دەپ قارايدىغانلىقىڭلارنى بىلمەكچىمەن : - قاسىم ، ئاسىم ، تەيمۇللاھ ياكى سەييىد خېتىمغا جاۋاپ ئېرىشەلىسەم ھەقىقەتەن تولىمۇ خۇشال بولغان بولاتتىم .

جاۋاپنىڭ تىكىستى

مەدھىيە ئاللاھقا بولسۇن
بارلىق مەدھىيە سىزنى بۇنىڭغا يىتەكلىگەن ئاللاھقا بولسۇن . ناۋادا سىزنى ئاللاھ يىتەكلىمىگەن بولسا توغرىغا يىتەكلەنمەيىتتىڭىز . سىزنىڭ دىنىمىزغا كىرىشكە بولغان قىزىقىشىڭىز بىز ئۈچۈن بۇ كېچەئەڭ خۇشاللىق خەۋەر . بىز ئاللاھتىن سىزنىڭ ئىسلامغا مۇۋەپپىقىيەت بىلەن كىرىشىڭىزنى ھەمدە ئۇنىڭدا چىڭ تۇرىشىڭىزنى سوراينىز .
سىزنىڭ بىرىنچى سۇئالىڭىزغا كەلسەك ، خەتنە قىلدۇرۇش سىزگە زىيان كەلتۈرمەيدۇ ، شۇڭا سىز ئۇنى تەجىربىسى ۋە ماھارىتىگە ئىشىنىدىغان دوختۇرغا قىلدۇرسىڭىز بولىدۇ .ئەگەر ئۇ سىزگە زىيان پەيدا قىلىدىغان بولسا ، ئۇنداقتا سىزنىڭ ئۇنى قىلىشىڭىز لازىم ئەمەس ھەمدە ئۇ ئاللاھ خالىسا ، سىزنىڭ ئىسلامىڭىزغا سەلبىي تەسىر كۆرسەتمەيدۇ .
ئىسمىڭىزنى ئۆزگەرتىشكە كەلسەك، بىلىڭكى ، ئاللاھقا ئەڭ ياقىدىغان ئىسىملار : ئابدۇللاھ ( ئاللاھنىڭ قۇلى ياكى ئىبادەتچىسى) ھەمدە ئابدۇررەھمان( مىھرىبان ئاللاھنىڭ قۇلى ياكى ئىبادەتچىسى) . بۇ بىزگە مۇسلىم نەقىل قىلغان پەيغەمبەرنىڭ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) ئىشەنچىلىك ھەدەيسىدە كەلگەن ، 3975 .
ئەگەر سىز بىزنىڭ سىز كۆرسەتكەن ئىسىملارنىڭ بىرىنى تاللاپ بىرىشىمىزنى ئويلىسىڭىز ، ئۇنداقتا سىز ئاسىمنى قوللىنىڭ ، ئۇنىڭ مەنىسى : قوغدىغۇچى ، ساقلىغۇچى ،مۇھاپىزەتچى ، مۇداپىئەچى .
ئاللاھتىن سىزگە بۈيۈك ئىسلامنىڭ سايىسىدا بەخىتلىك ، ياخشى تۇرمۇشنى سورايمىز .
پېشىۋا مۇھەممەد سالىھ مۇنەججىد
تەبىئى ھالەتتىكى سۈننەتلەر غەيرى مۇسۇلمانلارغا دەۋەت قىلىش
« ئىسلام سۇئال جاۋاپ تورى » دىن كۆرۈش