ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىغا ئىئانە چاقىرىقى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ تەرەققىياتى، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىلىشى ئۈچۈن –ئىسلام سوئال جاۋاپ سەھىپىسىگە ئىئانە قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

رامىزاندا چىشنى داۋالىتىش ياكى تازىلىتىش ئۈچۈن مەس قىلغۇچى ئۇكۇل ئۇدۇرۇشنىڭ ھۆكمى

17-01-2016

سۇئال 106495

رامىزاندا روزىدار كىشىنىڭ چىشى ئاغرىپ، دوختۇرغا بېرىپ، چىشىنى داۋالاتسا ياكى تازىلاتسا ياكى تارتقۇزىۋەتسە، بۇ جەرياندا دوختۇر چىشقا مەس قىلغۇچى ئوكۇل ئۇرسا بۇنىڭ روزىغا تەسىرى بولامدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بىرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

سوئالدا بايان قىلىنغان يۇقىرىقى ئىشلارنىڭ روزىغا ھېچقانداق تەسىرى بولمايدۇ. بەلكى بۇنداق ئىشلار ئەپۇ قىلىنغۇچى، روزىغا تەسىرى بولمايدىغان ئىشلاردۇر. چىشى ئاغرىغان كىشى بۇ جەرياندا گىلىدىن دورا ياكى قان ۋەياكى سۇيۇقلۇق قاتارلىق نەرسىلەرنىڭ ئۆتۈپ كىتىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك. شۇنىڭدەك چىشنى مەس قىلىش ئۈچۈن ئۇرۇلغان ئوكۇلنىڭمۇ روزىغا تەسىرى بولمايدۇ. چۈنكى ئۇ ئوكۇل يىمەك-ئېچمەكنىڭ قاتارىدىن ئەمەس. يۇقىرىقىدەك ئەھۋالدا تۇتۇلغان روزا ساغلام روزىدۇر. [شەخ ئابدۇل ئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھنىڭ "تۈرلۈك ماقالە ۋە پەتىۋالار توپلىمى" ناملىق ئەسىرى 15-توم 259-بەت].

ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

روزا تۇتقۇچى ئۈچۈن دۇرۇس بولغان ئىشلار
« ئىسلام سۇئال جاۋاپ تورى » دىن كۆرۈش