ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىغا ئىئانە چاقىرىقى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ تەرەققىياتى، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىلىشى ئۈچۈن –ئىسلام سوئال جاۋاپ سەھىپىسىگە ئىئانە قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

ۋاپات بولغان كىشىنى دەپنە قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئوقۇلىدىغان ئىستىغپارنىڭ لەپزى قانداق بولىدۇ؟

15-05-2023

سۇئال 105361

ۋاپات بولغان كىشى دەپنە قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئوقۇلىدىغان ئىستىغپار ۋە دۇئانىڭ لەپزى قانداق بولىدۇ؟ . بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    ۋاپات بولغان كىشى دەپنە قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئوقۇلىدىغان ئىستىغپار ۋە دۇئانىڭ  سۈپىتىنىڭ بايانى توغرىسىدا تايىنىشقا بولىدىغان ھەدىس بارلىقىنى بىلمەيمىز، ھەقىقەتەن مېيت دەپنە قىلىنغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا مۇتلەق دۇئا قىلىش ۋە ئىستىغپار ئېيتىش توغرىسىدا بۇيرۇق كەلگەن، دۇئا ۋە ئىستىغپارنىڭ سۈپىتى توغرىسىدا كەلگەن بۇيرۇققا بويسۇنۇش كۇپايە قىلىدۇ: «ئەي ئاللاھ!  ئۇنى مەغپىرەت قىلسىلا، ھەق ئۈستىدە مۇستەھكەم قىلسىلا» دېگەندەك.  ئاللاھ تائالا ياخشىلىققا مۇۋەپپەق قىلسۇن، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن".

   پەتىۋادا: شەيخ ئابدۇل ئەزىز بىن باز، شەيخ ئابدۇرەززاق ئەپىپىي، شەيخ ئابدۇللاھ بىن قەئۇد قاتارلىقلار. ["دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى"  9 -توم 94 -بەت. ]

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

دەپنە قىلىش ۋە قەبرىستانلىق ھەققىدىكى ئەھكاملار
« ئىسلام سۇئال جاۋاپ تورى » دىن كۆرۈش