ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىغا ئىئانە چاقىرىقى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ تەرەققىياتى، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىلىشى ئۈچۈن –ئىسلام سوئال جاۋاپ سەھىپىسىگە ئىئانە قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

شىئەلەرنىڭ (ئاشۇرا كۈنى) مۇھەررەمنىڭ 10-كۈنىدە ئىشلەيدىغان ئازغۇن-بىدئەت قىلمىشلىرى

22-11-2012

سۇئال 101268

مەن ياشاۋاتقان دۆلەتتە نۇرغۇنلىغان شىئەلەر ياشايدۇ، ئۇلار (ئاشۇرا)مۇھەررەمنىڭ9 -ۋە 10-كۈنلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئىمام ھۈسەيىننى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ كۆينەكنىڭ ياقىسىنى يىرتىپ مەيدىلىرىگە ئۇرۇپ ھەرخىل دىن ۋە ئەقىلمۇ قوبۇل قىلمايدىغان ئىشلارنى قىلىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئىشىنى ياقۇپ ئەلەيھىسسالام يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامدىن ئايرىلىپ قالغاندا بىئارام بولۇپ شۇنداق قىلغان دەپ قارايدۇ، ئۆزلىرىنى ئۇرۇپ ماتەم قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ بۇ ئىشلىرى توغرىمۇ؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.
شىيئەلەرنىڭ (ئاشۇرا)مۇھەررەمنىڭ 10-كۈنى مەيدىلىرىگە ئۇرۇپ،يۈزىگە كاچاتلاپ، دولىلىرىغا زەنجىر بىلەن ئۇرۇپ، باشلىرىنى قىلىچ-پىچاق بىلەن يىرىپ قان ئېقىتىش قاتارلىق ئىشلىرى ئىسلام دىندا ھېچقانداق ئاساسى بولمىغان ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام چەكلىگەن مۇنكەر ئىشلاردىن بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھايات ۋاقتىدا ئۆزىنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى، كاتتا ساھابىلار، داڭلىق باتۇرلاردىن ھەمزە ئىبنى ئابدۇل مۇتتەلىب، زەيد ئىبنى ھارىس، جەپەر ئىبنى ئەبۇ تالىپ، ئابدۇللاھ ئىبنى رەۋاھە قاتارلىق كىشىلەر دۇنيادىن كەتكەن بولسىمۇ شىئەلەر قىلغاندەك ئىشلارنى قىلىپ باقمىغان ۋە ھېچ كىشىنىمۇ بۇنداق قىلىشقا بۇيرۇمىغان. ئەگەر شىيئەلەرنىڭ قىلغان ئىشلىرى دىندا ئاساسى بار ياخشى ئىشلاردىن بولغان بولسا بۇنى بىزدىن بۇرۇن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ساھابىلار قىلغان بولاتتى، ئۇلار بىز ئۈچۈن نېمە دېگەن ياخشى ئۈلگە ھە!.
ياقۇپ ئەلەيھىسسالام يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامدىن ئايرىلىپ قالغاندا مەيدىسىگە ئۇرۇپ،ئۆزىنى كاچاتلاپ، قانلىرىنى ئېقىتمىغان، يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامدىن ئايرىلىپ قالغان كۈنىنى بايرام-ماتەم كۈنى قىلمىغان، لېكىن ئۆزىنىڭ ياخشى كۆرىدىغان يۈرەك پارىسى بولغان ئوغلىنى دائىم ئەسلەيتتى، بىئارام بولاتتى، غەم قىلاتتى. بۇ ھېچكىم ئىنكار قىلىدىغان ئىش ئەمەس، ئەمما شىيئەلەرنىڭ قىلىۋاتقىنى ئىسلام دىنى چەكلىگەن، جاھىلىيەت ئەھلىدىن ئادەت بولۇپ قالغان ئىشلاردىن ئىبارەت.
بۇخارىي ۋە مۇسلىم، ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئۆزىنى كاچاتلاپ، ياقىلىرىنى يىرتىپ، دات-پەرياد قىلىشقانلار بىزدىن ئەمەس.
شىيئەلەرنىڭ (ئاشۇرا)مۇھەررەمنىڭ 10-كۈنى قىلىدىغان ھەرخىل ئىشلىرى ئىسلام دىنىدا ھېچقانداق ئاساسى بولمىغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ساھابىلەرمۇ قىلمىغان بىدئەت ئىشلاردىندۇر. ئىمام ھۇسەيىندىنمۇ كاتتا بولغان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندىمۇ ساھابىلاردىن ھېچقانداق كىشى شىيئەلەرنىڭ قىلمىشىغا ئوخشايدىغان ئىشلارنى قىلمىغان.
ئىبنى كەسىر مۇنداق دەيدۇ: "ھەر بىر مۇسۇلمان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نەۋرىسى (ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان قىزىنىڭ بالىسى)، ساھابىلارنىڭ ئالىمى، مۇسۇلمانلارنىڭ كاتتىسى بولغان، باتۇر، سېخى ۋە كۆپ ئىبادەت قىلغۇچى ئىمام ھۇسەيىننىڭ ناھەق ئۆلتۈرۈلۈشىگە بىئارام بولىشى كېرەك، لېكىن شىيئەلەرنىڭ قىلغىنىدەك بىدئەت، رىيا بولىدىغان ئىشلاردىن ساقلىنىش لازىم. ئىمام ھۇسەيىننىڭ دادىسى ھىجىرىيىنىڭ 40- يىلى رامزاننىڭ 17-كۈنىدە بامدات ئوقۇشقا مەسچىتكە كەلگەندە قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەن مەشھۇر ساھابىلاردىن، ئىسلام خەلىپىسىنىڭ تۆتىنچىسى، ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بالىسىدىن ئەۋزەل ۋە پەزىلەتلىك بولسىمۇ شىئەلەر بۇ كىشىگە ماتەم بىلدۈرمەيدۇ ۋە ۋاپاتىغا بىئارام بولمايدۇ. ئەھلى-سۈننەت ئالىملىرىنىڭ قارىشىدا ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ئەۋزەل دەپ قارىلىدۇ. ئۇ كىشى ھىجرىيىنىڭ 36- يىلى ھەج كۈنلىرىدە ئۆز ھويلىسىدا پىتنىچىلەرنىڭ قورشاۋىدا قىلىپ ۋەھشىلەرچە بوغۇزلانغان بولسىمۇ لېكىن شىئەلەر ئۇ كىشى ئۈچۈن ماتەم بىلدۈرمەيدۇ ۋە ھېچكىم ئۇ كىشىنىڭ ۋاپات بولغان كۈنىنى ماتەم كۈنى قىلمايدۇ. ئىسلامدىكى 2- خەلىپە ئۆمەر ئىبنى خەتتاب ئەھلى-سۈننەت ئالىملىرىنىڭ قارىشىدا ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋە ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلاردىن ئەۋزەل دەپ قارىلىدۇ، ئۇ زات بامدات نامىزى ئوقۇۋاتقاندا مېھرابتا ئۆلتۈرۈلدى، شىئەلەر ئۇ كىشى ئۈچۈن ماتەم بىلدۈرمەيدۇ ۋە ھېچكىم ئۇ كىشىنىڭ ۋاپات بولغان كۈنىنى ماتەم كۈنى قىلمايدۇ. ئەۋۋەلقى خەلىپە ئەبۇبەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇلارنىڭ ھەممىسىدىن ئەۋزەل ئىكەنلىكىدە گەپ يوق، شىئەلەر ئۇ زات ئۈچۈن ماتەم بىلدۈرمەيدۇ ۋە ھېچكىم ئۇ كىشىنىڭ ۋاپات بولغان كۈنىنى ماتەم كۈنى قىلمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە دۇنيا-ئاخىرەتتىكى پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ سەردارى بولغان پەيغەمبىرىمىزنى ئاللاھ تائالا باشقا پەيغەمبەرلەرنى ۋاپات قىلدۇرغاندەك ۋاپات قىلدۇردى. ھېچكىم بۇ كۈننى نادان، جاھىل، شىئە راپىزىلار ئىمام ھۇسەيىننىڭ ۋاپات بولغان كۈنىنى ماتەم كۈنى قىلغاندەك ماتەم كۈنى قىلمىدى. مۇشۇنداق كاتتا كىشىلەر مۇسىبەتكە ئۇچرىغان ۋاقىتلارنى ئەسلىگەندە تۆۋەندىكى ھەدىسنى ئېسىمىزگە ئېلىشىمىز لازىم. ئىمام ئەھمەد ۋە ئىبنى ماجە ئەلى ئىبنى ھۈسەيىننىڭ چوڭ دادىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىسىدە مۇنداق دەيدۇ: مۇسۇلمانغا بىرەر مۇسىبەت ياكى كېلىشمەسلىك كەلسە، گەرچە بۇ ئىشقا ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ بۇ مۇسىبەت ئېسىگە يەتكەندە، "بىز ئاللاھنىڭ قۇللىرى، ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىمىز" دەپ ئاللاھقا ھەمدۇ سانا ئېيتسا ئاللاھ ئۇ كىشىگە مۇسىبەت يەتكەن كۈنىدىكىگە ئوخشاش ساۋاپ بېرىدۇ دەيدۇ.
ھىجىرىيىنىڭ 400- يىللىرى ئەتراپىدا بۇۋەيھى دۆلىتى ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان زاماندا (ئاشۇرا)مۇھەررەمنىڭ 10-كۈنى شىئە-راپىزىلار بىدئەتچىلىكتە بەك ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەن، ئۇلار باغدادنىڭ كوچىلىرىدا داقا-دۇمباق چېلىپ، قوم-توپىلارنى سورۇپ، دۇكانلارغا ماتەم بەلگىسى ئېسىپ، كىشىلەرگە ئۆزلىرىنىڭ ماتەم قايغۇسىنى ئىزھار قىلاتتى، ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى بۇ كۈندە ئىمام ھۈسەيىن ئۇسسۇزلۇقتىن ئۆلۈپ كەتكەن دەپ سۇ ئىچمەيتتى، ئاياللارمۇ يالاڭ-ئاياق كوچىلارغا چېقىپ ياغلىقلىرىنى يىرتىپ، يۈزلىرىنى ئېچىپ ئۆزىنى كاچاتلاپ،كۆكسىلىرىنى ئېچىپ مەيدىلىرىگە ئۇرۇپ ھەر خىل ناشايان ئىشلارنى قىلىشاتتى، بۇلارنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى بەنى ئۇمەييە دۆلىتىنى سۆكۈشتىن ئىبارەت ئىدى، چۈنكى ئىمام ھۈسەيىن شۇ ھاكىمىيەت دەۋرىدە شېھىت قىلىنغان.
بۇنىڭ ئەكسىچە شامنىڭ (ھازىرقى سۈرىيە) شىئەلىرى(ئاشۇرا)مۇھەررەمنىڭ 10-كۈنى ھەر خىل يىمەكلىك پىشۇرۇپ، يۇيۇنۇپ، پاكىزە كىيىنىپ ھېيت-بايرام قىلىپ باغداد شىئەلىرىنىڭ ئەكسىنى قىلاتتى.
بۇ كۈننى بايرام ياكى ماتەم كۈنى قىلىش دىندا ئاساسى يوق بىدئەت ئىشلاردىن، بۇ ھەقتە شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە مۇنداق دەيدۇ: " ئىمام ھۇسەيىننىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى سەۋەبىدىن شەيتان ئىككى تۈرلۈك بىدئەت ئۇرىغىنى چاچتى.
بىرىنچىسى: (ئاشۇرا)مۇھەررەمنىڭ 10-كۈنىنى قايغۇ-ماتەم كۈنى قىلىپ ئۆزىنى ئۇرۇپ، ياقىسىنى يىرتىپ، مەرسىيە ئوقۇش.
ئىككىنچىسى: خۇرسەنلىك-خوشلۇق كۈنى قىلىش بولۇپ بۇ كۈندە بىرلىرى بىئارام بولىدۇ، يەنە بىرلىرى خۇرسەن بولۇپ يايرايدۇ، بۇ كۈندە ئالاھىدە يۇيۇنۇپ، سۈرمە تارتىپ، ئائىلىسىگە ئادەتتىكىدىن تاشقىرى كۆپ خىراجەت قىلىپ ئادەتتە قىلىنمايدىغان ھەر تۈرلۈك تائاملارنى تەييار قىلىشتۇر. بۇلارنىڭ ھەممىسى دىندا ئاساسى بولمىغان بىدئەت ئازغۇنلۇقتىن ئىبارەت، بۇنداق قىلىشنى ئىسلام دىنىدىكى مەشھۇر ئىماملار ۋە مەزھەپ ساھىبلىرىمۇ توغرا دەپ قارىمايدۇ.
بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى دىن دۈشمەنلىرى ئۆزلىرىنىڭ رەزىل- ئىپلاس مەقسىتىگە يېتىشى، ئىسلامنى ۋە مۇسۇلمانلارنى، دۇنياغا ناھايتى قەبىھ بىر سۈرەتتە كۆرسىتىش ئۈچۈن قىلغان ھىلە-مىكرىسى بولۇپ بۇنىڭدىن ھەر بىر مۇسۇلمان ئاگاھ بولىشى كېرەك. بۇ ھەقتە مۇسا مەۋسۇۋىي ئۆزىنىڭ شىئە ۋە تۈزىتىش ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دەيدۇ: "(ئاشۇرا كۈنى )مۇھەررەمنىڭ 10-كۈنىدە كوچىلارغا چىقىپ باشلىرىنى قىلىچ-پىچاق بىلەن يېرىپ قان ئېقىتىپ ئىمام ھۈسەيىنگە ماتەم بىلدۈرۈش ئىشلىرى ئىران، ئىراق ۋە ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنى ئەنگىلىيە بېسىۋالغاندا ئۇ دۆلەتلەرگە سىڭىپ كىرگەن، ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى شىيئەلەرنىڭ نادان-جاھىللىقتىن ۋە ئىمام ھۈسەيىنگە بولغان قارىغۇلارچە مۇھەببەت چوقۇنىشىدىن پايدىلىنىپ، ئۇلارغا باشلىرىغا قىلىچ ئۇرۇشنى ئۆگەتتى، خىلى يېقىن ۋاقىتلارغىچىمۇ تېھران ۋە باغداتتىكى ئەنگىلىيە ئەلچىخانىلىرى، ئىمام ھۈسەيىنگە ماتەم بىلدۈرۈش ئۆمىكى دەپ كىشىلەرنى تەشكىللەپ، كوچىلارغا ئەڭ قەبىھ ۋە ۋەھشى ھالەتتىكى كۆرۈنۈشلەرنى پەيدا قىلاتتى، بۇنىڭدىن بولغان سىياسى مەقسەت، ئەنگىلىيە ھۆكىمىتى ئۆز خەلقىگە ئۇلارنى(يەنى مۇسۇلمانلارنى) ناھايتى نادان، بىلىم-مەدەنىيەتسىز قىلىپ سۈرەتلەپ ئۆزلىرىنى ۋەھشى، نادان خەلقنى قۇللۇقتىن قۇتقۇزۇپ ئەركىنلىك بېرىپ ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەپ تاجاۋۇزچىلىقىنى يوشۇرۇشتىن ئىبارەت ئىدى، ئۇلار ئەنگىلىيەدە نەشىر قىلىنىدىغان گېزىت -ژۇرنال مېدىيالاردا (ئاشۇرا كۈنى) مۇھەررەمنىڭ 10-كۈنىدە مىڭلىغان كىشىلەرنىڭ كوچىلارغا چىقىپ، دۈمبىسىگە زەنجىرلەر بىلەن ئۇرۇپ، قىلىچ-پىچاق بىلەن باشلىرىنى يىرىپ، قانلىرىنى ئېقىتىپ كېتىۋاتقان سۈرەتلىرىنى چىقىرىپ، ئۇلارنى ئۆز خەلقىگە ۋەھشى، جاھىل قىلىپ كۆرسىتىپ بۇ دۆلەتلەرنى بىسىۋىلىشتىكى مەقسىتى ئۇلارنى مەدەنىيەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى بىلدۇرەتتى.
ئىراقنىڭ ئەنگىلىيە بېسىۋالغان دەۋرىدىكى باش ۋەزىرى ياسىن ھاشىمىي ئەنگىلىيە بىلەن كېلىشىم تۈزۈش ئۈچۈن لوندونغا بارغاندا، ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى ئۇنىڭغا: بىز ئىراق خەلقىنىڭ قالايمىقانچىلىق- نادانلىقتىن قۇتۇلۇپ، بەخت تېپىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن كېلىشىم تۇزىمىز دېگەندە، ياسىن ھاشىمىيگە بۇ سۆز بەك تەسىر قىلىپ ئاچچىقلىنىپ، كېلىشىم تۈزۈش ئىشخانىسىدىن چىقىپ كەتكەن. ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى ئۇنىڭدىن ئەپۇ سوراپ ئېھتىرام بىلدۈرۈپ مۇلايىملىق بىلەن ئىراقتىكى بەزى ئاتالمىش دىنى مۇراسىملارنى ئىپادىلەيدىغان بىر ھۆججەتلىك پىلىمنى كۆرۈشكە تەكلىپ قىلغان: پىلىمدە باغدادنىڭ كەربالا، نەجەپ ۋە كازىمىييە قاتارلىق جايلاردا ھۈسەيىنگە ماتەم بىلدۈرۈش ئۈچۈن چىققان كىشىلەر توپى، ئۇلارنىڭ ناھايتى قورقۇنۇچلۇق، بەد-بەشىرە، ئۆزلىرىگە پىچاق-زەنجىرلەرنى ئۇرۇۋاتقان بىرخىل كۆرۈنۈشلەرنى ئىپادىلىگەن، ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى ئۇنىڭغا: ئازراق بولسىمۇ مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىرىشكەن خەلق بۇنداق ۋەھشى ئىشلارنى قىلمايدۇ دېگەن".
 

مەزھەبلەر ۋە پىرقىلەر بىدئەتچىلىك
« ئىسلام سۇئال جاۋاپ تورى » دىن كۆرۈش