پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

ھۆسۈن تۇزەش ئوپىراتسىيەسى قىلدۇرۇشنىڭ ھۆكمى

سۇئال

بۇرنۇمنى گۈزەللەشتۈرۈش ئوپراتسىيىسى قىلدۇرماقچى ئىدىم، بۇنداق قىلىش ھاراممۇ؟ بۇ سەۋەبلىك ئىچىم بەك پۇشۇق، ئوپراتسىيە قىلدۇرمىسام بەلكى كىلىچەك ھاياتىنغا تەسىر يەتكۇزىشى مۇمكىن. دوختۇرلارمۇ ئوپراتسىيە قىلىش كېرەكلىكىنى دەيدۇ؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق ھەمدۇ-سانا ئاللاھقا خاستۇر.
ھۆسۈن تۇزەش ئوپىراتسىيەسى ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ:
بىرىنچى: زۈرۈر بولغان ھۆسۈن تۇزەش ئوپىراتسىيەسى. بۇ ئىنسان جىسىمدىكى مەلۇم ئەيىبلەرنى يوق قىلىش ئۈچۈن قىلىنىدۇ، بۇ كېسەللىك ياكى قاتناش ھادىسىسى، كۆيۈك سەۋەبلىك، پۇت قولنىڭ بارماقلىرى ئارتۇق تۇغۇلغان بولسا، مەزكۇر بارماقنى كىسىۋىتىش ياكى قوش بارماقنى ئاجىرتىشقا ئوخشاش ئىنساننىڭ گۈزەللىكىگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەيىبلەرنى يوق قىلىشتىن ئىبارەت.
بۇ تۈردىكى ھۆسۈن تۇزەش ئوپىراتسىيەسىنى قىلدۇرۇشتا، ئەيىب ئىگىسى ئاللاھنىڭ يارىتىش شەكلىنى ئۆزگەرتىشنى مەخسەت قىلمىغاندا بۈ تۈردىكى ئوپراتسىيىنى قىلىش جايىزدۇر. بۇ سۆزىمىزنى كۈچلاندۇرىدىغان ھەدىسلەرمۇ بايان قىلىنغان.
ئەرپەجە ئىبنى ئەسئەدنىڭ بۇرنى، جاھىلىيەت دەۋرىدە يۈز بەرگەن بىر ئۇرۇشتا جاراھەتلەنگەن بولۇپ، كۈمۈش بۇرۇن سالدۇرغاندا بۇرنى ئۆزىگە سېسىق پۇرايتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام ئۇنى ئالتۇندىن بۇرۇن سالدۇرۇشقا بۇيرىغان بۇ ھەدىسنى تىرمىزى، ئەبۇ داۋۇد، نەسائى رىۋايەت قىلغان. شەيخ ئەلبانى "ئىرۋائۇلغەلىل" ناملىق ئەسىرىنىڭ 824-نومۇرلۇق ھەدىستە ياخشى ھەدىس دېگەن.

ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: ئاللاھ ياراتقان شەكلىنى ئۆزگەرتىپ، قىشىنى تەردۈرگەن ۋە تىرىپ قويغان، تېخىمۇ گۈزەل بولىمەن دەپ ساق چىشلىرىنىڭ ئارىلىرىنى ئاچقۇزغان ئاياللارغا لەنەت قىلغانلىقىنى ئاڭلىدىم دەپ رىۋايەت قىلىدۇ بۇ ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ئىمام نەۋەۋىي يۇقىرىقى ھەدىسنى شەرھىلەپ مۇنداق دەيدۇ: "پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولىمەن دەپ ساق چىشلىرىنىڭ ئارىلىرىنى ئاچقۇزغان ئاياللارغا لەنەت دېگەن سۆزى، گۈزەللىكنى مەقسەت قىلىپ قىلغانلارغا قىلىنغان لەنەتتۇر. ئەمما مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن ياكى چىشلىرى باشقىلار تەرىپىدىن ئەيىبلىك دەپ قارالغان ۋاقىتتا قىلدۇرسا ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۇچىدۇر".
ئىككىنچى: چىرايلىق بولۇشنى مەقسەت قىلىپ، ھۆسۈن تۇزەش ئوپىراتسىيەسى قىلدۇرۇش بولۇپ، چوڭ بۇرۇننى كىچىك قىلىش، كۆكسىنى چوڭايتىش ياكى كىچىكلەتتۇرۇش، قورۇق يوقۇتۇش ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئوپراتسىيىلەردىن ئىبارەت.
بۇ تۈردىكى ئوپراتسىيەنى قىلىش مەلۇم زەرۈرەت ياكى ھاجەتتىن بولماستىن، بەلكى ئاللاھ ياراتقان شەكىلنى ئۆزگەرتىشنى مەقسەت قىلغانلىق بولۇپ، ئىنسانلار ئۆزىنىڭ ھاۋايى–ھەۋەس شەھۋەتلىرىگە ئەگىشىپ، ئاللاھنىڭ يارىتىش شەكلى بىلەن ئويناشقانلىقى ياكى مەنسىتمىگەنلىكى بولۇپ، بۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلارنى قىلىش توغرا ئەمەس ۋە شەرىئەتتە ھارام دېيىلىدۇ. چۈنكى ئۇ ئاللاھنىڭ يارىتىش شەكلىنى ئۆزگەرتكەنلىكتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: « ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) اﷲ نى قويۇپ، پەقەت (ئۆزلىرى) چىشى (ناملار بىلەن ئاتىۋالغان) بۇتلارغا ئىبادەت قىلىدۇ، پەقەت اﷲ نىڭ ئىبادىتىدىن باش تارتقان شەيتانغا ئىبادەت قىلىدۇ (١١٧) اﷲ شەيتاننى رەھمىتىدىن يىراق قىلدى، شەيتان ئېيتتى: مەن ئەلۋەتتە سېنىڭ بەندىلىرىڭدىن مۇئەييەن ساندىكىلەرنى ئىگىلەيمەن (١١٨) شۇنداقلا چوقۇم ئۇلارنى ئازدۇرىمەن، ئۇلارنى خام خىيال قىلدۇرىمەن (يەنى ھايات ئۇزۇن، قىيامەت، ھېساب ئېلىش يوق دېگەندەك باتىل ئەقىدىلەرنى كۆڭلىگە سالىمەن)، ئۇلارنى چوقۇم چاھار پايلارنىڭ (بۇتلارغا نەزەر قىلىپ بەلگە ئۈچۈن) قۇلاقلىرىنى يېرىشقا بۇيرۇيمەن، ئۇلارنى چوقۇم اﷲ نىڭ مەخلۇقاتىنى ئۆزگەرتىۋېتىشكە (يەنى قۇللارنى ئاختا قىلىش، ئۇلارغا مەڭ ئويدۇرۇشقا ئوخشاش) ئىشلارغا بۇيرۇيمەن. كىمكى اﷲ نى قويۇپ شەيتاننى دوست تۇتىدىكەن، ئۇ (دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە) ئوپئوچۇق زىيان تارتقان بولىدۇ» سۈرە نىسا 117-118-119ئايەتلەر. دېمەك؛ شەيتان بەندىلەرنى ئاللاھنىڭ ياراتقان شەكلىنى ئۆزگەرتىشكە بۇيرۇيدۇ. ( بۇنىڭدىنمۇ كونكىرتراق بىلىشنى ئىستىگەنلەر مۇھەممەد مۇختار شەنقىيتىنىڭ "تىببى ئوپراتسىيگە ئائىت ئەھكاملار" ناملىق ئەسىرىگە مۇراجىئەت قىلسۇن).
شەيخ مۇھەممەد ئىبنى سالىھ ئەلئۇسەيمىيندىن ھۆسۈن تۇزەش ئوپىراتسىيەسى قىلدۇرۇش ۋە ئۇنى ئۈگۈنۈشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا سورالغاندا مۇنداق دەپ جاۋاب بەرگەن:
ھۆسۈن تۇزەش ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ:
بىرىنچى: مەلۇم ھادىسىلەر سەۋەبىدىن پەيدا بولغان ئەيىپلەرنى يوق قىلىش ئۈچۈن بولۇپ، بۇ دۇرۇس بولىدۇ. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ ئۇرۇشتا بۇرنى كىسىلگەن ئادەمنى ئالتۇندىن بۇرۇن سالدۇرۇشقا بۇيرىغان.
ئىككىنچى: مەلۇم ھادىسىلەر سەۋەبىدىن پەيدا بولغان ئەيىبلەرنى يوق قىلىش ئۈچۈن بولماستىن، بەلكى گۈزەللىكنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن بولۇپ بۇنداق قىلىش ھارامدۇر. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جىسىمدىكى مەلۇم ئەيىبلەرنى يوق قىلىشنى مەخسەت قىلماستىن، تېخىمۇ گۈزەل بولۇشنى مەقسەت قىلىپ، ئاللاھ ياراتقان شەكىلنى ئۆزگەرتىپ، قىشىنى تەردۈرگەن ۋە تىرىپ قويغان، چىشلىرىنىڭ ئارىلىرىنى ئاچقۇزغان، چاچ سالدۇرغان ۋە سىلىپ قويغان، بەدەنلىرىگە ھەر خىل رەسىم، خەت ۋە مەڭ چەكتۈرگەن ۋە چىكىپ قويغان ئاياللارغا لەنەت قىلغان.
ئەمما ھۆسۈن تۇزەش ئوپىراتسىيەسى قىلىشنى ئۈگۈنۈش، پاكۇلتېتنىڭ دەرىس پروگىراممىسىدا بولىدىكەن، بۇنى ئۈگۈنۈشنىڭ زېيىنى يوق. لېكىن باشقىلار تەلەپ قىلغاندا، بۇ بىلىمنى ئىشلەتمەسلىك كېرەك، بەلكى ئوپراتسىيەنى تەلەپ قىلغان كىشىگە نەسىھەت قىلىپ، بۇ تەلىپىدىن ياندۇرىشى لازىم. چۈنكى كۆپلىگەن ۋاقىتلاردا دوختۇرنىڭ نەسىھىتى كىشىلەرنىڭ ئېسىدىن چىقمايدۇ.
سۆزنىڭ خۇلاسىسى: ئىنسان جىسمىدا ئەيىب– ياكى كۆرۈمسىزلىك بولۇپ، ئىجتىمائى تۇرمۇشىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىغان بولسا، بۇ ئەيىبنى يوقۇتۇشنى مەقسەت قىلىپ ھۆسۈن تۇزەش ئوپىراتسىيەسى قىلدۇرسا بولىدۇ. ئەمما گۈزەللىكىنى ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلىپ ئوپراتسىيە قىلدۇرۇش دۇرۇس ئەمەس.
ھەممىدىن توغرىسىنى ئاللاھ بىلگۇچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى