بىر ئادەم ئىسلامنى قوبۇل قىلىدۇ ھەمدە ئۇ 40 ياشتا. ئۇنىڭ ئۆتۈپ كەتكەن نامازلىرىنى تولۇقلىشى لازىممۇ ؟بىر ئادەم ئىسلامنى قوبۇل قىلىدۇ ھەمدە ئۇ 40 ياشتا. ئۇنىڭ ئۆتۈپ كەتكەن نامازلىرىنى تولۇقلىشى لازىممۇ ؟
مەدھىيە
ئاللاھقا بولسۇن .
ئىسلامنى قوبۇل قىلغۇچى كاپىرلىق مەزگىللىرىدە ئۆتۈپ كەتكەن نامازلار ،روزا ،
زاكاتنى تولۇقلىمايدۇ ، ئايەتتە كۆرسىتىگەندەك :
« (ﺋﻰ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ!) ﻛﺎﭘﯩﺮﻻﺭﻏﺎ ﺋﯧﻴﺘﻘﯩﻨﻜﻰ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯘﻻﺭ (ﻛﯘﻓﺮﯨﺪﯨﻦ، ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ
ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻠﯩﺸﯩﺸﺘﯩﻦ) ﻳﺎﻧﺴﺎ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﻜﻰ ﮔﯘﻧﺎﻫﻠﯩﺮﻯ ﻣﻪﻏﭙﯩﺮﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ، ..»
[ غەنىمەتلەر : 38 ]
ھەمدە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك پەيغەمبەرنىڭ (ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا
بولسۇن)مۇنۇ سۆزى بار : « ئىسلام ئىلگىركى كىلىنگەن نەرسىلەرنى بىكار قىلىدۇ .»(
مۇسلىم نەقىل قىلغان ، 121 ) ، شۇنىڭدەك ، پەيغەمبەر(ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە
ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن)ئىسلامنى قوبۇل قىلغۇچىلارنىڭ ھىچقايسىسىنى ئىلگىرى
كاپىرلىق مەزگىللىرىدە ئۆتكۈزىۋەتكەن ئىسلام قائىدە-يۇسۇنلىرىنى تولۇقلاشقا
بۇيرىمىغان ، ھەمدە ئىسلام ئالىملىرى بۇ ھەقتە بىردەك .
دائىمىي كومىتىت فەتىۋالىرىدىن (6\400 ).