شىرىك ۋە بىدئەت ئىشلارنى سادىر قىلغۇچىلارنى مۇسۇلمان دىيىشىمىزگە بولامدۇ ؟
مەدھىيە
ئاللاھقا بولسۇن .
بۇ سۇئال ئىككى مەسىلىگە تاقىلىدۇ :
(1) بىدئەت . (2) شىرىك .
بىرىنچى مەسىلە : بىدئەت .
بۇ مەسىلە ئۈچ تىمىغا بۆلىنىدۇ :
1) بىدئەتنىڭ ئىنىقلىمىسى . 2) ئۇنىڭ تۈرلىرى . 3) بىدئەتنى قىلغۇچىنىڭ ھۆكمى -
كاپىر بولامدۇ-يوق ؟
بىرىنچى تىما : بىدئەتنىڭ ئىنىقلىمىسى
پېشىۋا مۇھەممەد بىن ئۇسەيمىين مۇنداق دىگەن : " بىدئەتنىڭ شەرىئەتتىكى ئىنىقلىمىسى
: ئاللاھ بەلگىلىمىگەن نەرسە بىلەن ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش " ، ئەگەر خالىساڭ
مۇنداق دىگىن : " پەيغەمبەر ، ياكى ئۇنىڭ توغرىغا يىتەكلەنگەن خەلىپىلىرى قىلمىغان
نەرسە بىلەن ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش . "
بىرىنچى چۈشەندۈرۈش ئاللاھنىڭ مۇنۇ سۆزىدىن ئىلىنغان : « ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺍﻟﻠﻪ ﺭﯗﺧﺴﻪﺕ
ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺩﯨﻦ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﻜﻪﺗﻜﻪﻥ ﻣﻪﺑﯘﺩﻟﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭﻣﯘ؟ »
ئىككىنچى چۈشەندۈرۈش پەيغەمبەرنىڭ مۇنۇ سۆزىدىن ئىلىنغان : " سىلەر مىنىڭ
يولۇم(سۈننىتىم) ۋە مىنىڭدىن كىيىن كىلىدىغان توغرىغا يىتەكلەنگەن خەلىپىلەرنىڭ
يولىغا يىپىشىڭلار . ئۇنى چىڭ تۇتۇڭلار ھەمدە ئۇنى ئىزىق چىشىڭلار بىلەن چىشلەڭلار
، ھەمدە يىڭىدىن پەيدا قىلىنغان ئىشلاردىن ھوشيار بولۇڭلار . "
شۇڭا ئاللاھ بەلگىلىمىگەن نەرسە بىلەن ، ياكى پەيغەمبەر ، ۋە ئۇنىڭ توغرىغا
يىتەكلەنگەن خەلىپىلىرى قىلمىغان نەرسە بىلەن ئاللاھقا ئىبادەت قىلغۇچى ھەرقانداق
كىشى - بىدئەتچىدۇر ، مەيلى ئۇ ئىبادەت قىلىش ئاللاھنىڭ ئىسىم-سۈپەتلىرى بىلەن
مۇناسىۋەتلىك بولسۇن ياكى ئۇنىڭ ئەھكاملىرى ۋە قانۇنلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسۇن
.
ئادەت ۋە قائىدە-يۇسۇنغا ئەگىشىپ كىلىدىغان ئادەتتىكى ئىشلار كەلسەك ،گەرچە بۇلار
لۇغەتتە بىدئەت(يىڭىلىق) دەپ ئاتالسىمۇ ، دىندا بىدئەت( يىڭىلىق) دەپ ئاتالمايدۇ .
بىراق بۇلار دىندا بىدئەت بولمايدۇ ھەمدە ئۇلار پەيغەمبەر ئاگاھلاندۇرغان نەرسە
ئەمەس .
ھەمدە دىندا مەڭگۈ ياخشى بىدئەت تىپىلمايدۇ . " [ ئىبنۇ ئۇسەيمىين فەتىۋالار
توپلىمى ، 2 . ج ، 291. ب ]
ئىككىنچى تىما : بىدئەتنىڭ تۈرلىرى .
بىدئەت ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ :
بىرىنچى : كاپىر قىلىدىغان بىدئەت . ئىككىنچى : كاپىر قىلمايدىغان بىدئەت .
ئەگەر سىز : كاپىر قىلىدىغان بىدئەت ۋە كاپىر قىلمايدىغان بىدئەتنىڭ ئىنىقلىمىسى
نىمە ؟ دىسىڭىز .
جاۋاپ : پېشىۋا ھافىز ھەكەمىي مۇنداق دىگەن: " كىشىنى كاپىر قىلىدىغان بىدئەت بولسا
پەرىزلىكى ھەممىگە مەلۇم بولغان ، ئالىملارنىڭ ئورتاق قارىشى بار ھەمدە ھىچقانداق
مۇسۇلماننىڭ بىلمەسلىككە ھىچ بانا تاپالمايدىغان بىر مەسىلىنى ئىنكار قىلىشتۇر ،
مەسىلەن ، پەرىز قىلىنغان بىر نەرسىنى ئىنكار قىلىش ، ۋاجىپ بىر نەرسىنى ۋاجىپ
ئەمەس قىلىش ، ياكى ھارام بىر نەرسىنى ھالال قىلىش ، ھالال بىر نەرسىنى ھارام قىلىش
؛ ياكى ئاللاھ ، ئۇنىڭ ئەلچىسى ۋە كىتابى ھەققىدە ئۇلار ئۇنىڭدىن يىراق بولغان
نەرسىگە، مەيلى ئىنكار قىلىش ياكى ئىتراپ قىلىش بىلەن بولسۇن ئىشىنىش ، چۈنكى ئۇ ،
كىتاپنى ۋە ئاللاھ ئەلچىسى بىلەن ئەۋەتكەن نەرسىنى يالغانغا چىقىرىشتۇر .
جۇھەمىييەلەرنىڭ بىدئېتىگە ئوخشاش ئەزىز ۋە ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرىنى ئىنكار
قىلىش ، قۇرئاننى ، ياكى ئاللاھنىڭ قايسى بىر سۈپەتلىرىنى مەخلۇق(يارىتىلغان )
دىيىش ؛ قەدەرىييەلەرنىڭ بىدئېتىگە ئوخشاش ئاللاھنىڭ بىلىمىنى ۋە ئىش-ھەركەتلىرىنى
ئىنكار قىلىش ، ۋە ياكى ئۇلۇغ ئاللاھنى مەخلۇقاتلىرىغا ئوخشىتىدىغان
مۇجەسسىمەلەرنىڭ بىدئېتى .. . ۋە باشقا بىدئەتلەرگە ئوخشاش .
ئىككىنچى تۈرى : كاپىر قىلمايدىغان بىدئەتلەر ، ئۇنىڭ ئىنىقلىمىسى : كىتاب ھەمدە
ئاللاھ ئەلچىلىرى بىلەن ئەۋەتكەن نەرسىدىن مەلۇم نەرسىنى يالغانغا چىقىرىشنى ئۆز
ئىچىگە ئالمىغان بىدئەت .
مەرۋانىييەلەرنىڭ بىدئېتىگە ئوخشاش ( ئۇلار نى ئۇلۇغ ساھابىلەر ئاشكارا ئەيىپلىگەن
ھەمدە ئۇلارنى ئىتراپ قىلمىغان ، ھەمدە ئۇلارنى كاپىر دەپ ھۆكۈم قىلمىغان ياكى ئۇ
سەۋەپلىك ئۇلارغا بەيئەت قىلىشنى رەت قىلمىغان ) ، ئۇلارنىڭ بەزى نامازلارنى
ئاخىرقى ۋاقتىغا سۈرىشى ، ھىيىتتا خۇتبىنى نامازدىن بۇرۇن قىلىشى ، جۈمە خۇتبىسى ۋە
باشقىلىرىدا ئولتۇرۇپ قىلىشى . " [ « مەئارىجۇل قۇبۇل» ( 2\503-504 ) . ]
ئۈچىنچى مەسىلە : بىدئەت سادىر قىلغۇچىنىڭ ھۆكمى ؟ كاپىر بولامدۇ -يوق ؟
جاۋاپ :
ئەگەر ئۇ كاپىر قىلىدىغان بىدئەت بولسا ، ئۇنى قىلغۇچى مۇنۇ ئىككى ئەھۋالدىن خالى
ئەمەس :
بىرىنچى : ئۇنىڭ مەقسىتى دىننىڭ ئۇللىرىنى يىقىتىش ۋە مۇسۇلمانلاردا شەك پەيدا
قىلىش ئىكەنلىكى مەلۇم بولسا ، بۇنداق ئادەم ئەلۋەتتە كاپىر ؛ ئەمەلىيەتتە ، ئۇ
ئىسلامغا يات كىشى ھەمدە دىن دۈشمەنلىرىنىڭ بىرىدۇر .
ئىككىنچى : ئۇنىڭغا ئالدانغان ۋە قايمۇقتۇرۇلغان بولسا ، ئۇنىڭغا دەلىل
تۇرغۇزۇلغاندىن كىيىن كاپىرلىقىغا ھۆكۈم قىلىنىدۇ .
ئەگەر ئۇ كاپىر قىلمايدىغان بىدئەت بولسا ، ئۇنداقتا ئۇ كاپىر بولمايدۇ ، بەلكى ئۇ
مۇسۇلمانلىقىدا تۇرىۋىرىدۇ ، لىكىن ئۇ چوڭ قەبىھ ئىشنى قىلغۇچىدۇر .
ئەگەر سىز : بىدئەتچىلەر بىلەن قانداق مۇئامىلىدە بولىمىز ؟ دىسىڭىز .
جاۋاپ :
پېشىۋا مۇھەممەد بىن ئۇسەيمىين ، ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھىم-شەپقەت قىلسۇن ، مۇنداق
دىگەن : " ھەر ئىككىلىسىگە قارىتا ، بىز بۇ ئۆزلىرىنى مۇسۇلمان دەپ دەۋا قىلغۇچى
بىراق كاپىر قىلىدىغان ياكى ئۇنىڭدىن تۆۋەن بىدئەتلەرنى قىلغۇچى كىشىلەرنى ،
ئۇلارغا دۈشمەنلىك قىلماستىن ياكى ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقانلىرىنى سۆكمەستىن ئۇلارنى
ھەقىقەتكە چاقىرىشىمىز كىرەك . لىكىن ئۇلارنىڭ ھەقىقەتنى قوبۇل قىلىشتىن ئۆزىنى چوڭ
تۇتقانلىقىنى بىلسەك ، ئاللاھ دەيدۇ : « ﻣﯘﺷﺮﯨﻜﻼﺭﻧﯩﯔ ﺧﯘﺩﺍﻧﻰ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ
ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯘﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯩﻠﻠﯩﻤﺎﯕﻼﺭ، (ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﺴﺎﯕﻼﺭ) ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﻠﻤﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ
ﻫﻪﺩﺩﯨﺪﯨﻦ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﻰ ﺗﯩﻠﻼﻳﺪﯗ. » [ ئەنئام( چاھارپايلار) : 108 ] . . . ئەگەر بىز
ئۇلارنىڭ جاھىل ۋە ھاكاۋۇرلىقىنى بايقىساق ، ئۇنداقتا بىز ئۇلارنىڭ ناتوغرىسىنى
كۆرسىتىپ قويىمىز ، چۈنكى ئۇلارنىڭ ناتوغرىسىنى كۆرسىتىپ قويۇش بىزگە ۋاجىپ بولىدۇ
.
ئۇلار بىلەن مۇناسىۋەتنى ئۈزۈشكە كەلسەك ، ئۇ بىدئەتكە باغلىق . ئەگەر ئۇ كاپىر
قىلىدىغان بىدئەت بولسا ، ئۇنداقتا ئۇنىڭدىن مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش ۋاجىپ ، ئەگەر
ئۇنىڭدىن تۆۋەن بىدئەت بولسا ، بىز بۇ ھەقتە تەپسىلىي توختىلىمىز ، ئەگەر ئۇ
كىشىدىن مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش بىلەن بىرەر نەتىجە بولىدىغان بولسا ئۇنى قىلىمىز ،
ئەگەر ئۇنىڭدا بىرەر نەتىجە بولمىسا ، ياكى ئۇ ئۇنىڭ گۇناھ قىلىشى ۋە ھەددىدىن
ئېشىشىنى ئاشۇرۋەتسە ئۇنى قىلىشتىن ساقلىنىمىز ؛ چۈنكى پايدىسى يوق ، نەتىجىگە
ئىرىشكىلى بولمايدىغان نەرسىنى تاشلاشنىڭ ئۆزى پايدا ۋە نەتىجە ، ۋە يەنە ئاساسى
پىرىنسىپ بولسا مۇئىمىنگە نىسبەتەن ئۇنىڭدىن مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش ھارام ؛ چۈنكى
پەيغەمبەر مۇنداق دىگەن : « بىر كىشىنىڭ قېرىندىشىنى ئۈچ كۈندىن ئوشۇق تاشلىۋىتىشى
( گەپ قىلماسلىقى) ھالال ئەمەس . » [ ئىبنۇ ئۇسەيمىين فەتىۋالار توپلىمى 2.ج ، 293.
ب دىن ئىلىندى . ]
ئىككىنچى تىما : شىرىك ، ئۇنىڭ تۈرلىرى ، ۋە ھەر بىر تۈرىنىڭ ئىنىقلىمىسى .
پېشىۋا مۇھەممەد بىن ئۇسەيمىين مۇنداق دىگەن :
" شىرىك ئىككى تۈرلۈك : 1) دىندىن چىقىرۋىتىدىغان چوڭ شىرىك . 2) ئۇنىڭدىن تۆۋەن
تۇرىدىغان شىرىك .
بىرىنچى تۈر : چوڭ شىرىك ، ئۇ بولسا " شەرىئەتنى بىكىتكۈچى شۇنداق دەپ سۈپەتلىگەن
شىرىكنىڭ بارلىق تۈرى بولۇپ ئۇ كىشىنى دىندىن چىقىرۋىتىدىغان نەرسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە
ئالىدۇ . " مەسىلەن ، ئاللاھقا قىلىنىشقا تىگىشلىك ئىبادەتنىڭ قايسى بىر تۈرىنى
ئاللاھتىن بۆلەك بىرسىگە بىغىشلاش ، يەنى ، ئاللاھتىن بۆلەك بىرسىگە ناماز قىلىش ،
ئاللاھتىن بۆلەك بىرسىگە روزا تۇتۇش ياكى ئاللاھتىن بۆلەك بىرسىگە قۇربانلىق بىرىش
. ۋە شۇنىڭدەك ئاللاھتىن بۆلەك بىرسىدىن تىلەش (دۇئا قىلىش) مۇ چوڭ شىرىكنىڭ بىر
تۈرى ، مەسىلەن ، قەبرىدىكى ئۆلۈكتىن تىلەش ياكى يىنىدا يوق(غائىپتىكى) كىشىدىن
پەقەت ئاللاھتىن باشقىسى قىلالمايدىغان ئىشتىن قۇتقۇزىشىنى تىلەپ دۇئا قىلىش .
ئىككىنچى تۈرى : كىچىك شىرىك ، ئۇ بولسا : شەرىئەت شىرىك دەپ نام بەرگەن ، لىكىن
دىندىن چىقارمايدىغان سۆز ياكى ھەركەت جەھەتتىكى ئىش-ئەمەللەردۇر ، مەسىلەن ،
ئاللاھتىن باشقىسى بىلەن قەسەم قىلىش ، پەيغەمبەر مۇنداق دىگەن : « ئاللاھتىن
باشقىسى بىلەن قەسەم قىلغۇچى كاپىر بولىدۇ ياكى مۇشرىك بولىدۇ .»
ئاللاھتىن بۆلەك بىرسى بىلەن قەسەم قىلغۇچى ، شۇ ئاللاھتىن بۆلەك بىرسىنى ئاللاھقا
ئوخشاش ئۇلۇغلۇققا ئىگە دەپ ئىتىقات قىلمىسا ، ئۇنداقتا ئۇ كىچىك شىرىكنى سادىر
قىلغۇچى مۇشرىك بولىدۇ ، قەسەم قىلىنغۇچى مەيلى كىشىلەر تەرىپىدىن ئۇلۇغلانسۇن ياكى
ئۇلۇغلانمىسۇن . شۇڭا پەيغەمبەر(ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن)
بىلەن ، ياكى رەئىس ، پرېزدېنت بىلەن ، ياكى كەئېبە بىلەن ، ياكى جەبرائىل بىلەن
قەسەم قىلىشقا بولمايدۇ ، چۈنكى بۇ شىرىك ، لىكىن كىشىنى دىندىن چىقىرۋەتمەيدىغان
كىچىك شىرىك .
كىچىك شىرىكنىڭ تۈرلىرىدىن بىرى -رىيا قىلىش( كۆز-كۆز قىلىش ) . رىيا قىلىش : بىر
ئىشنى ئاللاھ ئۈچۈن ئەمەس ، كىشىلەرنىڭ ئۇنى كۆرىشى ئۈچۈن قىلىش .
رىيا ئىبادەتلەرنى بىكار قىلىۋىتىشى جەھەتتە ئىككى قىسىمغا بۆلىنىدۇ :
بىرىنچى : ئىبادەتنىڭ ئەسلى مەنبىيىدە بولۇش ، يەنى ئىبادەتنى پەقەت كۆز-كۆز قىلىش
ئۈچۈنلا قىلىدۇ ، بۇ ھالەتتە ئۇنىڭ بۇ ئىشى ئىناۋەتسىز ۋە رەت قىلىنىدۇ ؛ چۈنكى
ئەبۇ ھۇرەيرىدىن مەرفۇئې ھەدىيس( يەنى، بىۋاستە پەيغەمبەردىن نەقىل قىلىنغان
ھەدىيس) نەقىل قىلىندىكى ، ئۇلۇغ ئاللاھ مۇنداق دىگەن : « مەن شىرىكلەرنىڭ ئىچىدە
شىرىكتىن ئەڭ بىھاجەتتۇرمەن ، شۇڭا كىمكى بىر ئىشنى قىلىپ ئۇنىڭغا مىنىڭدىن بۆلەك
بىرسىنى ماڭا شىرىك قىلسا ، مەن ئۇنى ۋەماڭا شىرىك قىلغان نەرسىسىنى تاشلىۋىتىمەن .
» [ مۇسلىم نەقىل قىلغان ، 2985 ]
ئىككىنچى : رىيا قىلىش ئىبەدەت قىلىش جەريانىدا كىيىن يۈز بەرسە ، يەنى ، ئىبادەت
ئەسلىدە ئاللاھ ئۈچۈن بولۇپ ، ئاندىن رىيا قىلىش ئۇنىڭغا كىرىۋالغان بولىدۇ . بۇ
ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ :
بىرىنچى : ئۇنىڭغا قارشىلىق قىلىش ، بۇ ئۇ كىشىگە زىيان يەتكۈزمەيدۇ .
مەسىلەن : بىر كىشى بىر رەكەت ناماز ئوقۇدى ، ئاندىن ئىككىنچى رەكەتتە بىر قىسىم
كىشىلەر كەلدى ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىچىدە رۇكۇ ياكى سەجدىنى ئۇزۇنراق قىلىشنى ، ياكى
يىغلىغان بولۇۋىلىش قاتارلىقلارنى ئويلايدۇ . ئەگەر ئۇ ئۇنىڭغا قارشىلىق قىلسا ،
ئۇنىڭ ئۇنىڭغا زىيىنى بولمايدۇ ، چۈنكى ئۇ بۇ ئويغا قارشى كۈرەش قىلىۋاتىدۇ . بىراق
ئۇ شۇ ئويغا ئەگەشسە ، ئۇنداقتا رىيا قىلىشتىن ھاسىل بولغان ھەرقانداق ئىش-ئەمەل
بىكار، باتىل . مەسىلەن ، ئەگەر ئۇ ئۆرە تۇرۇشىنى ياكى سەجدىسىنى ئۇزۇن قىلسا ،
ياكى ئۆزىنى يىغلاتسا ، بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى بىكار بولۇپ كىتىدۇ . بىراق بۇ بىكار
بولۇش پۈتكۈل ئىبادەتكە كىڭىيىپ بارامدۇ-يوق ؟
بىز دەيمىزكى ، بۇ ئىككى خىل ئەھۋالدىن خالى ئەمەس :
بىرى ، ئىبادىتىنىڭ ئاخىرى بىشى بىلەن (ئارلىقىدا ئزۈلۈپ قالماستىن) ئۇلانغان
بولىدۇ ، بۇ ھالدا ئىبادەتنىڭ ئاخىرى بىكار بولۇش بىلەن ئىبادەتنىڭ ھەممىسى بىكار
بولىدۇ .
مەسىلەن : ناماز ، نامازنىڭ ئالدىنقى قىسمى بىكار بولۇنمىغان ئەھۋالدا ، ئۇنىڭ
ئاخىرقى قىسمى بىكار بولمايدۇ ، شۇڭا پۈتكۈل ناماز بىكار بولىدۇ .
يەنە بىرى ، ئەگەر ئىبادەتنىڭ بىشى ئۇنىڭ ئاخىرىدىن ئايرىم بولسا ، ئۇنداقتا
ئالدىنقى قىسمى ساق بولىدۇ ، كىيىنكى قىسمى بولسا بىكار بولىدۇ . رىيا قىلىشتىن
بۇرۇن قىلىنغىنى ساق بولىدۇ ، ئۇنىڭدىن كىيىن قىلىنغىنى بولسا بىكار بولىدۇ .
ئۇنىڭ بىر مىسالى بولسا : بىر كىشىدە 100 رىيال بار ، ھەمدە ئۇ ئۇنىڭ 50 نى ساغلام
نىيەت بىلەن ئاللاھ ئۈچۈن سەدىقە قىلىدۇ ، ئاندىن 50 نى كۆز-كۆز قىلىش مەقسىتىدە
سەدىقە قىلىدۇ . ئالدىنقى 50ى قوبۇل بولىدۇ ، كىيىنكى 50ى بولسا قوبۇل بولمايدۇ .
چۈنكى كىيىنكىسى ئالدىنقىسىدىن ئايرىم قىلىنغان . "
[ ئىبنۇ ئۇسەيمىيننىڭ رىسالىلەر ۋە فەتىۋالار توپلىمى ، تەۋھىيد كىتابىنىڭ شەرھىسى
پايدىلىق سۆز ( 1-ج، 114- ب ) بىرىنچى نەشىرى. ]
پېشىۋا مۇھەممەد سالىھ مۇنەججىد