مەدھىيە ئاللاھقا بولسۇن
ئىبنۇ قەييىم ( ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھىم-شەپقەت قىلسۇن) بوۋاقلارنىڭ ئەھكاملىرى
ھەققىدە « تۇھفەتۇل مەۋدۇد فى ئەھكام ئەل مەۋدۇد » ناملىق بىر قىممەتلىك كىتابنى
يازغان . بۇ كىتاپتا ئۇ خەتنە قىلىش ۋە ئۇنىڭ ئەھكاملىرى ھەققىدە بىر مول باب يىزىپ
چىققان . تۆۋەندىكىسى بولسا بىر قىسىم باشقا ئالىملارنىڭ ئىلاۋىلىرىنى قوشۇپ ئۇنىڭ
خۇلاسىسى .
1- خەتنە قىلىشنىڭ مەنىسى :
ئىبنۇ قەييىم مۇنداق دىگەن :
خەتنە بولسا خەتنە قىلغۇچىنىڭ ھەركىتىنى ئىپادىلەيدىغان ئىسىم . ئۇ يەنە خەتنە
قىلىنىش ئورنىنى ئىپادىلەشكىمۇ قوللىنىلىدۇ ، خۇددى ھەدىيستە كەلگەندەك : « ئىككى
خەتنە ( ئىككى خەتنە قىلىنغان ئورۇن) ئۇچراشسا ، غۇسلە ۋاجىپ بولىدۇ . » ھەمدە ئۇ
ئايال جىنسىغا نىسبەتەن خەفز دەپ ئاتىلىدۇ . ئەرگە نىسبەتەن يەنە ئىئېزار دەپمۇ
ئاتىلىدۇ . خەتنىسى قىلىنمىغان كىشى ئەغلەف ياكى ئەقلەف دىيلىدۇ .
[ تۇھفەتۇل مەۋدۇد ،1152 ]
2- خەتنە قىلىش بولسا ئبراھىيم ۋە ئۇنىڭدىن كىيىنكى پەيغەمبەرلەرنىڭ سۈننىتى :
بۇخارىي ( 6298) ، مۇسلىم( 2370) ئەبۇ ھۇرەيرىدىن نەقىل قىلدىكى ، پەيغەمبەر(ئاللاھ
ئۇنىڭغا رەھىم-شەپقەت قىلسۇن) مۇنداق دىگەن : « ئىبراھىيم خەتنىسىنى 80 ياشقا
كىرگەندە ئۆزى قىلغان ، ھەمدە ئۇ كەكە بىلەن خەتنىسىنى قىلغان . »
كەكە( قەدۇم) بولسا ياغاچچىلارنىڭ سايمىنى ؛ دىيلىدىكى ، قەدۇم بولسا سۈرىيەدىكى
بىر جاينىڭ ئىسمى .
ھافىز بىن ھەجەر مۇنداق دىگەن :
" ھەدىيستە تىلغا ئىلىنغان نىمىنىڭ سايماننى كۆرسىتىشى بەكراق ئىھتىمالغا يىقىن .
ئەبۇ يەئېلا نەقىل قىلدىكى ، ئەلىي بىن رەباھ مۇنداق دىگەن : " ئىبراھىيم خەتنىسىنى
قىلىشا بۇيرۇلغان ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ خەتنىسىنى ئۆزى كەكە بىلەن قىلغان ھەمدە ئۇ
ئۇنىڭغا ناھايىتى ئەلەملىك بولغان . ئاندىن ئاللاھ ئۇنىڭغا مۇنداق دەپ ۋەھىي قىلغان
: « بىز ساڭا نىمە سايمان ئىشلىتىشنى ئېيتىشتىن بۇرۇن ، ئۇنى قىلىشقا ئالدىراپ
كەتتىڭ . » ئۇ : « ئى پەرۋەردىگار ، مەن سىنىڭ بۇيرۇقۇڭغا ئىتائەت قىلىشنى
كېچىكتۈرۈشنى خالىمىدىم .» دىگەن .
ئىبنۇ قەييىم مۇنداق دىگەن :
خەتنە قىلىش بولسا ئاللاھ ئۆزىنىڭ يىقىن دوستى ئىبراھىيمنى سىنىغان نەرسىلەرنىڭ
بىرى ئىدى . ئۇ ئۇ ئۇلارنى پۇختا قىلدى ، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇنى ئىنسانلارنىڭ
رەھبىرى قىلدى . نەقىل قىلىندىكى ،يۇقۇردا تىلغا ئىلىنغاندەك ، ئۇ خەتنىسىنى قىلغان
بىرىنچى كىشى . سەھىيھتە دىيىلگىنى بولسا ئىبراھىيم 80 يىشىدا ئۆزىنىڭ خەتنىسىنى
قىلدى . ئۇنىڭدىن كىيىن ، خەتنە قىلىش پەيغەمبەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى
ئارىسىدا ھەتتا مەسىيھگىچە داۋاملاشتى . ئۇ خەتنىسىنى قىلغان ھەمدە خىرىستىئانلار
ئۇنى ئىتراپ قىلىدۇ ، ئۇنى ئىنكار قىلمايدۇ ، شۇنىڭدەك ئۇلار ئۇنىڭ چوشقا گۆشىنى
... ھارام قىلغانلىقىنى ئىتراپ قىلىدۇ .
[ تۇھفەتۇل مەۋدۇد ، 158-159 ب ]
بىراق ئالىملار خەتنە قىلىشنىڭ ھۆكمى ھەققىدە ئىختىلاپلاشتى .
پېشىۋا ئىبنۇ ئۇسەيمىين مۇنداق دىگەن :
" ئەڭ توغرا قاراش شۇكى ،ئۇ ئەرلەرگە ۋاجىپ ، ئاياللارغا سۈننەت . ئۇلارنىڭ
ئارىسىدىكى پەرق ، ئۇ ئەرلەرگە نىسبەتەن ، نامازنىڭ شەرتلىرىدىن بىرى بولغان
پاكلىنىشقا پايدىسى بار ، چۈنكى بۇ تىرە ئىلىۋىتىلمىگەندە ، سۈيدۈك زەكەر تۆشۈگىدىن
چىققاندا تۇرۇپ قالىدۇ ۋە يىغىلىپ قالىدۇ ، ھەمدە ھەر قىتىم ھەركەت قىلغاندا كۆيۈپ
ئىچىشىش ۋە ياللۇغلىنىشقا سەۋەپ بولىدۇ ، ياكى بۇ تىرە سىقىلسا ، سۈيدۈك چىقىپ ئۇنى
نىجاسەت قىلىدۇ .
ئايالغا نىسبەتەن ، ئۇنىڭ جىنسىي شەھۋىتى پەسەيتىشتىن ئىبارەت پايدىسى بولىدۇ . بۇ
بولسا كامالەتنى ئىزدەش بولۇپ ، مەلۇم زىيانلىق نەرسىنى يوقۇتۇش ئەمەس .
] شەرھى مۇمتىئې، 1 133-134 ]
بۇ بولسا ئىمام ئەھمەدنىڭ قارىشى . ئىبنۇ قۇددامە « مۇغنىي» دا( 1115)مۇنداق دىگەن
: " خەتنە قىلىش بولسا ، ئەرلەرگە نىسبەتەن ۋاجىپ ، ھەمدە ئاياللارغا ياخشى ئىش ،
بىراق ئۇلارغا ۋاجىپ ئەمەس . "
3- ئورنى :
ئىبنۇ قەييىم( ئاللاھ ئۇ كىشىگە رەھىم-شەپىقەت قىلسۇن ) مۇنداق دىگەن :
ئەبۇ بەرەكە « غايە» ناملىق كىتابىدا مۇنداق دىگەن : " ئەرلەرنىڭ خەتنىسىنى قىلىشتا
، زەكەر ئۇچىدىكى تىرە كىسىپ ئىلىۋىتىلىدۇ . ناۋادا ئۇ پەقەت ئۇنىڭ كۆپ قىسمىنى
ئىلىۋەتسە ، بۇ بولىدۇ . ئايالنىڭ خەتنىسىنى قىلىشتا بەك ئوي ئىلىۋەتمەسلىك ياخشى .
نەقىل قىلىندىكى ، ئۇمەر بىر ئاياللارنىڭ خەتنىسىنى قىلغۇچى ئايالغا : " ناۋادا
بىرسىنىڭ خەتنىسىنى قىلساڭ ، ئۇنىڭ بىرقىسمىنى قالدۇرۇپ قوي . " دىگەن . خەلال «
جامىئى» سىدا : خەتنە قىلغاندا نىمىنىڭ كىسىلىدىغانلىقى ھەققىدە مۇنداق دىگەن :
"مۇھەممەد بىن ھۇسەيىن ماڭا فەزىل بىن زىيادنىڭ ئۇلارغا مۇنداق دىگەنلىكنى ئېيىتتى
: ئەھمەدتىن : خەتنە قىلغاندا قانچىلىك كېسىلىدۇ ؟ دەپ سورالدى . ئۇ : " زەكەر ئۇچى
كۆرۈنگىچە ." دەپ جاۋاپ بەردى .
ئىبنۇ سەباغ « شامىل» دا مۇنداق دىگەن : '' ئەرگە ۋاجىپ ئىش بولسا زەكەر ئۇچىدىكى
تىرىنى تاكى ئۇنىڭ ھەممىسى ئىچىلىدىغان بولغىچە كېسىش . ئايالغا نىسبەتەن ، فەرجنىڭ
يۇقۇرى تەرىپىدىكى ئىككى جىنسىي لەۋ ئارىسىدىكى خورازنىڭ تاجىغا ئوخشايدىغان تېرىنى
كېسىش ھەمدە ئۇ كېسىۋىتىلسە ئۇنىڭ خورما ئۇرۇقىغا ئوخشاش يىلتىزى قالىدۇ .
نەۋەۋىي مۇنداق دىگەن :
ھەممىگە تونۇلغا توغرىسى بولسا زەكەر ئۇچىنى ئوراپ تۇرغان تېرىنىڭ ھەممىسىنى كېسىش
ۋاجىپ . [ مەجمۇئې ،1351 ]
جۇۋەينى مۇنداق دىگەن : ھەدىيس كۆرسىتىدۇكى ، ئايالغا نىسبەتەن ، ئۇنىڭ كۆپ قىسمى
كېسىۋىتىلمەيدۇ ، چۈنكى ئۇ : « كۆتۈرلۈپ تۇرغان نەرسىنى قالدۇرۇپ قوي ، ئۇنى بەك
ئوي كېسىۋەتمە ! » دىگەن .
[ تۇھفەتۇل مەۋدۇد ، 190-192 ]
خۇلاسە ، ئەرلەرگە نىسبەتەن زەكەر ئۇچىنى يۆگەپ تۇرغان ھەممە تىرە كېسىۋىتىلىشى
لازىم . بىراق ئاياللارغا نىسبەتەن پەقەت فەرەجنىڭ( تاشقى جىنسىي ئەزا) يۇقۇرى
تەرىپىدىكى خورازنىڭ تاجىغا ئوخشايدىغان تىرىنىڭ بىر قىسمى كېسىۋىتىلىدۇ .
4- خەتنە قىلىشتىكى ھىكمەت :
ئەرگە نىسبەتەن ، ئۇ خەتنىسىنى قىلدۇرمىغىچە ، سۈيدۈكتىن پاكلىنالمايدۇ ، چۈنكى
سۈيدۈك تامچىلىرى خەتنىلىكنىڭ ئاستىغا يىغىلىۋالىدۇ ھەمدە ئۇ سۈيدۈك تامچىلىرىنىڭ
ئىقىپ چىقىپ كىيىمى ۋە بەدىنىنى مەينەت قىلىۋىتىشىدىن بىخەتەر بولالمايدۇ . شۇڭا
ئابدۇللاھ بىن ئەبباس خەتنە قىلىش ئىشىدا چىڭ بولغان . ئىمام ئەھمەد مۇنداق دىگەن :
" ئىبنۇ ئەبباس ئۇ ئىشتا بەك چىڭ ئىدى . ھەمدە نەقىل قىلىندىكى ، ئۇنىڭغا ، يەنى
خەتنىسىنى قىلمىغان كىشىگە ھەج يوق ، نامازمۇ يوق . " [ مۇغنىي ، 1115 ]
ئايال كىشىگە نىسبەتەن خەتنە قىلىشنىڭ ھىكمىتى بولسا ئۇنىڭ جىنسىي شەھۋىتىنى تەڭشەش
بولۇپ ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ مۆتىدىل بولىدۇ .
ئىسلام پېشىۋاسى ئىبنۇ تەيمىيە دىن ئايال كىشى خەتنىسىنى قىلامدۇ -يوق ؟ دەپ
سورالغاندا ، ئۇ مۇنداق دىگەن : مەدھىيە ئاللاھقا بولسۇن . شۇنداق ، خەتنىسىنى
قىلىدۇ . ھەمدە ئۇنىڭ خەتنىسى بولسا خورازنىڭ تاجىغا ئوخشايدىغان يۇقارقى تەرەپتىكى
تېرىنى كېسىش . ئاللاھ ئەلچىسى خەتنە قىلغۇچى ئايالغا : « كۆتۈرلۈپ تۇرغان نىمىنى
قالدۇرۇپ قوي ،ھەمدە ئۇنى بەك ئوي كېسىۋەتمە . ئۇ ئۇنىڭ چىرايىنى تىخىمۇ
نۇرلاندۇرىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ ئېرىگە تېخىمۇ يىقىشلىق بولىدۇ . » دىگەن . چۈنكى
ئەركىشىنىڭ خەتنىسىنى قىلىشتىكى مەقسەت - ئۇنىڭ خەتنىلىكى ئاستىغا يىغىلىۋالىدىغان
نىجاسەتتىن ئۇنى پاكلاش . بىراق ئايالنىڭ خەتنىسىنى قىلىشتىكى مەقسەت - ئۇنىڭ
جىنسىي شەھۋىتىنى تەرتىپكە سىلىش ، چۈنكى ئايالنىڭ خەتنىسى قىلىنمىسا ، ئۇنىڭ
جىنسىي شەھۋىتى كۈچلۈك بولىدۇ . شۇڭا "خەتنىسى قىلىنمىغان ئايالنىڭ ئوغلى "دەيدىغان
سۆزلەر تىللاشتا ئىشلىتىلىدۇ ، چۈنكى خەتنىسى قىلىنمىغان ئايالدا كۈچلۈكرەك جىنسىي
شەھۋەت بولىدۇ . شۇڭا بۇزۇق ئىشلار تاتار ۋە فىرانسۇز ئاياللىرى ئارىسىدا كۆپ
يۈزبىرىدۇ . ئەگەر خەتنىسىنى قىلىش بەك ئوي بولۇپ كەتسە ، جىنسىي شەھۋەت پۈتۈنلەي
سۇسلاپ كېتىدۇ ، بۇ ئەرلەرنى قانائەتلەندۈرەلمەيدۇ . ئەگەر ئۇ بەك ئوي
كېسىۋىتىلمىسە ، مەقسەت ئىشقا ئاشىدۇ ، يەنى جىنسىي شەھۋەت مۆتىدىللىشىدۇ .
ھەمدە ئاللاھ ياخشى بىلىدۇ .
[ فەتىۋالار توپلىمى ، 21114 ]
5- خەتنە قىلدۇرغانغا ھەق بىرىشكە بولىدۇ .
ئىبنۇ قۇددامە مۇنداق دىگەن :
" خەتنە قىلدۇرۇش ، ۋە تىببىي داۋالاشقا پۇل بىرىشكە بولىدۇ . بىز بۇ مەسىلىدە
ھىچقانداق ئىختىلاپى قاراشنى بىلمەيمىز ،چۈنكى ئۇ بىر ئىھتىياجلىق ، ھەمدە
شەرىئەتتە رۇخسەت قىلىنغان ئىشنى قىلغانىكەن ، باشقا رۇخسەت قىلىنغان ئىشلارغا
ئوخشاش ئۇنىڭغا ھەق ئىلىشىقا بولىدۇ .
[ مۇغنىي ، 5314 ]