مەدھىيە ئاللاھقا بولسۇن . 1- ئەزاندىن بۇرۇن قىلىنىدىغان دۇئاغا كەلسەك ، بىلىشىمچە ئەزاندىن بۇرۇن دۇئا يوق . ئەگەر ئۇنىڭغا شۇ ۋاقىتتا ئالاھىدە ياكى بىئالاھىدە بولغان سۆز خاس قىلىنسا ، ئۇنداقتا ئۇ ئىنكار قىلىنىدىغان بىدئەت . لىكىن ئۇ شۇنداق توغرا كىلىپ قالغان بولسا ، ئۇنداقتا ھىچقىسى يوق . 2- ئىقامەتتىن بۇرۇن ، يەنى مۇئەززىن ئىقامەت قىلماقچى بولغاندا بولسا ، بۇ ھەقتىمۇ ھەم بىر مەخسۇس سۆزنى بىلمەيمىز . شۇڭا ئۇ ھەقتە ئىسپات دەلىللەنمەي تۇرۇپ ئۇنى قىلىش ئىنكار قىلىنىدىغان بىدئەت . 3- ئەزان بىلەن ئىقامەتنىڭ ئارىسىدا بولسا ، ئۇ چاغدا دۇئاقىلىش رىغبەتلەندۈرۈلگەن ۋە مۇستەھەپ . ئەنەستىن نەقىل قىلىندىكى ، ئاللاھ ئەلچىسى( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) مۇنداق دىگەن : « ئەزان بىلەن ئىقامەت ئارىسىدىكى دۇئا رەت قىلىنمايدۇ ، شۇڭا دۇئا قىلىڭلار .» [ ئۇنى تىرمىزىي(212) ، ئەبۇ داۋۇد (437)، ۋە ئەھمەد( 12174) (سۆزى ئۇنىڭ ) نەقىل قىلغان . ھەمدە ئەلبانىي سەھىيھ ئەبۇ داۋۇدتا ئۇنى سەھىيھ دەپ تۈرگە ئايرىغان ، 489 ] ئەزاندىن كىيىن ئۇنىڭغا ئۇلاپ قىلىشتا ، ئۇنىڭ مەخسۇس شەكلى بار : ئۇنىڭدىن : جابىر بىن ئابدۇللاھتىن نەقىل قىلىندىكى ، ئاللاھ ئەلچىسى ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) مۇنداق دىگەن : « كىمكى چاقىرىقنى( ئەزاننى) ئاڭلىغاندا : « ئاللاھۇممە رەببى ھازىھىد دەئېۋەتىت تاممەھ ، ۋەسسەلاتىل قائىمەھ ،ئاتى مۇھەممەدەن ئەل ۋەسىيلەتە ۋەل فەزىيلەھ ، ۋەبئەسھۇ مەقامەن مەھمۇدەن ئەللەزىي ۋەئەدتەھ » دىسە قىيامەت كۈنى شاپائىتىم ئۇنىڭغا ھالال بولىدۇ . » [ بۇخارىي نەقىل قىلغان ،589 ] 4- ئىقامەتتىن كىيىنكى دۇئاغا كەلسەك ، ئۇنىڭغا ھىچبىر دەلىل بىلمەيمىز . ئەگەر سەھىيھ دەلىلسىز مەخسۇس دۇئا قىلىنسا ، ئۇ بىدئەت بولىدۇ . 5- ئەزان قىلىنىۋاتقاندا دۇئا قىلىشقا كەلسەك ، سىزنىڭ مۇئەززىننىڭ دىگىنىدەك دىيىشىڭىز سۈننەت ، لىكىن : ھەييە ئەلەسسەلاھ ، ھەييە ئەلەل فەلاھ سۆزىدە ، لاھەۋلە ۋەلا قۇۋۋەتە ئىللا بىللاھ دەيسىز . ئۇمەر بىن خەتتابتىن نەقىل قىلىندى ، ئاللاھ ئەلچىسى( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) مۇنداق دىگەن : « مۇئەززىن : ئاللاھۇ ئەكبەر ئاللاھۇ ئەكبەر دىگەندە ، سىلەرنىڭ بىرىڭلار : ئاللاھۇ ئەكبەر ئاللاھۇ ئەكبەر دىسە ، ئاندىن ئۇ : ئەشھەدۇ ئەنلا ئىلاھە ئىللەلاھ دىگەندە ، ئەشھەدۇ ئەنلا ئىلاھە ئىللەلاھ دىسە ، ئاندىن ئۇ ئەشھەدۇ ئەننە مۇھەممەدەر رەسۇلۇللاھ دىگەندە ، ئەشھەدۇ ئەننە مۇھەممەدەر رەسۇلۇللاھ دىسە ، ئاندىن ئۇ : ھەييە ئەلەسسەلاھ دىگەندە ، لاھەۋلە ۋەلا قۇۋۋەتە ئىللا بىللاھ دىسە ، ئاندىن ئۇ : ھەييە ئەلەل فەلاھ دىگەندە ، لاھەۋلە ۋەلا قۇۋۋەتە ئىللا بىللاھ دىسە ، ئاندىن ئۇ :ئاللاھۇ ئەكبەر ئاللاھۇ ئەكبەر دىگەندە ،اللاھۇ ئەكبەر ئاللاھۇ ئەكبەر دىسە ، ئاندىن ئۇ : لا ئىلاھە ئىللەللاھ دىگەندە ، لا ئىلاھە ئىللەللاھ دىسە ، چىن قەلبىدىن دىسە جەننەتكە كىرىدۇ . » [ مۇسلىم نەقىل قىلغان ، 385 ] 6- ئىقامەت قىلىنىۋاتقاندا دۇئا قىلىشقا نىسبەتەن : بەزى ئالىملار ئۇنى ئەزانغا ئوخشاش ، شۇڭا سۆزلەرنى تەكرارلاش مۇستەھەپ دەپ قارىدى. باشقا ئالىملار بولسا ئۇنى مۇستەھەپ دەپ قارىمىدى ، چۈنكى ئىقامەت سۆزلىرىنى تەكرارلاش ھەققىدىكى ھەدىيس ئاجىز بولغاچقا . ئۇلارنىڭ ئارىسىدا : مۇھەممەد بىن ئىبراھىيىم "فەتىۋالاردا( 2136) "، ۋە پېشىۋا ئۇسەيمىين" شەرھى مۇمتىئېدا( 284) ". خاتا ئىشلارنىڭ بىرى : مۇئەززىن : قەد قامەتىس سەلاھ دىگەندە ، ئەقامە ھەللاھ ۋە ئەدامەھەللاھ دىيىش . چۈنكى ئۇ ھەقتە كەلگەن ھەدىيس ئاجىز . ئەبۇ ئۇمامە ياكى پەيغەمبەرنىڭ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) بەزى ساھابىلىرىدىن نەقىل قىلىندىكى ، : " بىلال ئىقامەت قىلىشنى باشلىدى ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ قەد قامەتىس سەلاھ دىگەندە ، پەيغەمبەر( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن): « ئەقامە ھەللاھ ۋە ئەدامەھەللاھ » دىدى . ۋە ئىقامەتنىڭ قالدى يەرلىرىنى ئۇمەرنىڭ ئەزان ھەققىدىكى ھەدىيسىگە ئوخشاش دىدى . [ ئۇنى ئەبۇ داۋۇد نەقىل قىلغان ، 528 . بۇ ھەدىيس بولسا : ھافىز ئىبنۇ ھەجەر " التلخيص الحبير " ( 1 / 211 ) .دە ئاجىز دەپ تۈرگە ئايرىغان . ھەمدە ئاللاھ ياخشى بىلىدۇ .