مەدھىيە ئاللاھقا بولسۇن . بىرىنچى : مۇسۇلمانلارنىڭ دىنى ئىشلاردا ، ئىبادەتلەردە ھەرقانداق باشقا مىللەتلەرنى دوراشنىڭ دوراشنىڭ ھاجىتى يوق ، چۈنكى ئاللاھ دىنىنى مۇكەممەل قىلىپ بولدى ، نىئىمىتىنى تاماملىدى ، ھەمدە ئىسلامنى دىنىمىز بولۇشقا تاللىدى ، ئۇ ئېيىتقاندەك : « ﺑﯜﮔﯜﻥ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺩﯨﻨﯩﯖﻼﺭﻧﻰ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ، ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻧﯧﻤﯩﺘﯩﻤﻨﻰ ﺗﺎﻣﺎﻣﻠﯩﺪﯨﻢ، ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﻨﻰ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺩﯨﻨﯩﯖﻼﺭ ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎ ﺗﺎﻟﻠﯩﺪﯨﻢ » [ داستىخان 5 : 3 ] ئىسلام مۇسۇلمانلارنى ، كاپىرلارنى بولۇپمۇ يەھۇدىي ۋە خىرىستىئانلارنى دوراشتىن چەكلەيدۇ ، لىكىن بۇ چەكلەش ئۇلارنىڭ ھەممە ئىشلىرىغا قارىتىلغان بولماستىن ، بەلكى ئۇلارنىڭ دىنى ۋە ئۇلارنىڭ باشقىلاردىن پەرىقلىنىپ تۇرىدىغان ئالاھىدىلىكلىرىنى دوراشقا قارىتىلغان . ئەبۇ سەئىيد خۇدرىيدىن نەقىل قىلىنىدۇكى ، پەيغەمبەر (ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) مۇنداق دىگەن : « سىلەر ئىلگىركى كىشىلەرنىڭ يوللىرىغا غېرىچمۇ-غېرىچ ، گەزمۇ-گەز ئەگىشىسىلەر، ھەتتا ئەگەردە ئۇلار پاتمىچۇقنىڭ ئۇۋىسىغا كىرگەن بولسا سىلەرمۇ ئۇنىڭغا كىرىسىلەر . » بىز : ئى ئاللاھ ئەلچىسى ، يەھۇدىي ۋە خىرىستىئانلارغىمۇ؟ دىدۇق ، ئۇ :« كىم ئەمىسە؟ » ، دىدى . (بۇخارىي (1397)، مۇسلىم(4822) نەقىل قىلغان ) بۇ ھەدىيس شۇنى كۆرسىتىدۇكى ، يەھۇدىي ۋە خىرىستىئانلارنى دوراش ھارام ، ھەمدە ئۇلارغا ئەگەشكۈچىلەر ۋە ئۇلارغا ئوخشاش يول ماڭغۇچىلار ئەيىپلىنىدۇ ، ئىسلام كاپىرلارنى دورىغۇچىلارنى ئۇلارغا ئوخشاش دەپ سۈپەتلەش ئارقىلىق بۇ چەكلىمىنى كۈچەيىتتى . ئابدۇللاھ بىن ئۇمەردىن نەقىم قىلىندىكى ، پەيغەمبەر(ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) مۇنداق دىگەن : « كىمكى بىر خەلقنى دورايدىكەن ، ئۇ ئۇلارنىڭ بىرىدۇر . » (ئەبۇ داۋۇت نەقىل قىلغان ،3512 . ئەلبانىي[ إرواء الغليل] دە توغرا ھەدىيس دەپ تۈرگە ئايرىغان . ئىسلام پېشىۋاسى ئىبنۇ تەيمىييە(ئاللاھ ئۇ كىشىگە رەھىم-شەپقەت قىلسۇن) مۇنداق دىگەن : گەرچە ئۇنىڭ ئاشكارا مەنىسى ئۇلارنى دورىغۇچى كاپىر بولسىمۇ ، بۇ ئاز دىگەندىمۇ ئۇلارنى دوراشنىڭ ھاراملىقىنى كۆرسىتىدۇ . [ اقتضاء الصراط المستقيم، 237 ] . كاپىرلارنى دورىغۇچى ئۆزىنى تۆۋەن ، كەمتۈك ھىس قىلىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزىدىكى بۇ نۇقسانلىق تۇيغۇسىنى ئۇ ماختايدىغان كىشىلەرنى دوراش ئارقىلىق تولدۇرۇشقا ئالدىرايدۇ . ئەگەر بۇ كىشىلەر ئىسلام شەرىئىتىنىڭ بۈيۈكلىكىنى پىكىر قىلسا ، ئۇلار كەينىدىن يۈگرەۋاتقان ئۇ مەدەنىيەتنىڭ قانچىلىك چىرىكلىكىنى چۈشەنسە ، ئۇلار ئۆزىنىڭ خاتا قىلىۋاتقانلىقىنى ھەمدە كەمتۈك ۋە چىرىك بىرنەرسە ئۈچۈن مۇكەممەل ۋە ھەقىقى بىر نەرسىنى تاشلىۋەتكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن بولاتتى . ئىككىنچى : بىزگە چەكلەنگەن دوراشنىڭ تۈرلىرى كۆپ . پېشىۋا سالىھ فەۋزان مۇنداق دىدى : كاپىرلار دورىلىدىغان ئىشلار ئىبادەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ، مەسىلەن ، شىرىككە ياتىدىغان ئىشلاردا ئۇلارنى دوراش ، مەسىلەن ، قەبرىلەرنىڭ ئۈستىگە(قۇرۇلۇش)سېلىش ، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ئىبادەتگاھلارنى سېلىش ۋە ئۇلار ھەققىدە ئاشۇرۋىتىش . پەيغەمبەر(ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) مۇنداق دىگەن : « ئاللاھنىڭ لەنىتى يەھۇدىي ۋە خىرىستىئانلارغا بولسۇن ، چۈنكى ئۇلار پەيغەمبەرلىرىنىڭ قەبرىلىرىنى ئىبادەتگاھ قىلىۋالدى .» (بۇخارىي(425)، مۇسلىم(531) نەقىل قىلغان . ھەمدە ئۇ بىزگە مۇنداق دەپ بەردى : « ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇلار ئۇنىڭ قەبرىسى ئۈستىگە ئىبادەتگاھ سالاتتى ، ھەمدە ئۇنىڭغا رەسىملەرنى ئورۇنلاشتۇراتتى ، ھەمدە ئۇلار ئەڭ رەزىل كىشىلەردۇر . » ( بۇخارىي(417) ، مۇسلىم(528) .)بۈگۈنكى كۈنلەردە قەبرىلەر ھەققىدە ھەددىدىن ئاشۇرۋىتىش چوڭ شىرىكنىڭ مىساللىرىدۇر ، بۇ ئالىملار ۋە ئادەتتىكى كىشىلەرگىمۇ ناھايىتى تونۇش . بۇنىڭ سەۋەبى - يەھۇدىي ۋە خىرىستىئانلارنى دوراش . يەنە بىر مىسال بولسا ئۇلارنىڭ شىرىك ۋە بىدئەت بايراملارنى دورىشى ، مەسىلەن ، تۇغۇلغان كۈننى تەبرىكلەش ، مەيلى پەيغەنبەرنىڭ(ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) تۇغۇلغان كۈنى بولسۇن ، ياكى پرېزدېنت ۋە پادىشدھلارنىڭ تۇغۇلغان كۇنى بولسۇن .ياكى بۇ بىدئەت ۋە شىرىك بايراملار كۈنلەر ياكى ھەپتىلەر بىلەن ئاتالسۇن ، مەسىلەن ، دۆلەت بايرىمى كۈنى ياكى مۇستەقىللىق كۈنى ، ياكى ئانىلار بايرىمى كۈنى ، ياكى سەھىيە ھەپتىلىكى ۋە باشقا تەبرىكلىنىدىغان كۈن ۋە ھەپتىلەر . بۇلارنىڭ ھەممىسى مۇسۇلمانلارغا كاپىرلار تەرىپىدىن كەلگەن ، چۈنكى ئىسلامدا پەقەت ئىككىلا بايرام بار : روزا ھېيىت ۋە قۇربان ھېيىت. بۇنىڭدىن باشقىسى بىدئەت ۋە كاپىرلارنى دوراش . [ كاپىرلارغا زىت بولۇش] ناملىق نۇتۇقتىن . 47060-سۇئالنىڭ جاۋابىدا بىز، كاپىرلارنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان كىيىم-كىچەكلىرىدە ، ۋە شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ خاس ئادىتىگە ئايلانغان ساقالنى چۈشۈرۈشتە ئۇلارنى دوراشنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى بايان قىلىپ بولدۇق . ئۈچۈنچى : كاپىرلارنى دوراش توغىرسىدىكى چەكلىمە ئۇلارنىڭ ئىبادەت ئىشلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان ۋە ۋە پەرىقلىنىدىغان ئادەت-يۇسۇنلارغا قارىتىلغان بولۇپ ، بىز مەنپەئەتلىنىدىغان ئۇلار قىلغان ۋە ياراتقان نەرسىلەر ئەمەس . ئەگەر مۇسۇلمانلار ئۇنىڭدىن بەھرىمەن بولسا ئۇلارغا گۇناھ يوق ، بەلكى مۇسۇلمانلار ئۇنداق ئىشلاردا ئالدىدا بولۇشى كىرەك . پېشىۋا ئىبنۇ ئۇسەيمىين مۇنداق دىگەن : كاپىرلارنى دوراش سۆزىگە كەلسەك ، ئۇ ئۇلار ياسىغان ھەرقانداق نەرسىنى ئىشلەتمەسلىكىمىز كىرەك دىگەن مەنىنى ئۇقتۇرمايدۇ . ھىچكىمنىڭ ئۇنداق نەرسىنى دىگىنى يوق . پەيغەمبەر(ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) دەۋرىدە ھەمدە ئۇنىڭدىن كىيىنكى دەۋىرلەردە كىشىلەر كاپىرلار ئىشلىگەن كىيىملەرنى ئىشلەتكەن ھەمدە ئۇلار ياسىغان قاچا-قۇچىلارنى ئىشلەتكەن . كاپىرلارنى دوراش دىگەنلىك ئۇلارنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان كىيىم -كېچەك ۋە زىننەتلەرنى دوراشتۇر . ئۇ ئۇلار مىنگەن نەرسىگە مىنمەسلىك ياكى ئۇلار كېيگەن نەرسىنى كىيمەسلىك دىگەنلىك ئەمەس . بىراق ئۇلار ئۆزىگە خاس مۇئەييەن سۈپەتتە مىنسە ، ئۇنداقتا بىز ئۇ سۈپەتتە مىنمەسلىكىمىز لازىم . ئەگەر ئۇلار كىيىملىرىنى ئۆزىگە خاس بولغان مەلۇم پاسوندا تىكسە بىز ئۇنىڭغا ئوخشاش قىلماسلىقىمىز لازىم . لىكىن بىزنىڭ ئۇلارنىڭكىگە ئوخشاش ماشىنىمىز بولسا ، ھەمدە ئۇلارنىڭكىگە ئوخشاش توقۇلما بۇيۇمىمىز بولسا ، ئۇنىڭدا ھىچنىمە بولمايدۇ . پېشىۋا ئىبنۇ ئۇسەيمىينننىڭ فەتىۋالار توپلىمى ،12، 177- سۇئال . ھەمدە ئۇ مۇنداق دىگەن : دوراشنىڭ ئىنىقلىمىسى بولسا ، دورىغۇچى ئۇدوراۋاتقانلارغا خاس بولغان بىر نەرسىنى دورىغان بولسا ئەنە ئۇ دورىغىچىدۇر . كاپىرلارنى دوراش بىر مۇسۇلماننىڭ ئۇلارنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ بىرى بولغان نەرسىنى دوراشنى كۆرسىتىدۇ . مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدا ئاللىقاچان كەڭ تارقالغان، كاپىرلار ئۇنىڭ بىلەن ئانچە پەرىقلەنمەيدىغان نەرسىگە كەلسەك ، ئۇنداقتا بۇ كاپىرلارنى دوراش ئەمەس ، ھەمدە ئۇنىڭ بىر دوراش بولۇشى بىلەن ، ئۇ ھارام ئەمەس ، لىكىن ئۇ باشقا سەۋەپلەر بىلەن ھارامدۇر . بىزىڭ دىگەنلىرىمىزبولسا[ دوراش ] سۆزىنىڭ مەنىسى كۆرسەتكەن نەرسىدۇر . پېشىۋا ئىبنۇ ئۇسەيمىيننىڭ فەتىۋالار توپلىمى ، 12 ، 198- سۇئال . 21694-سۇئالنىڭ جاۋابىدا كاپىرلارنى دوراشنىڭ ھۆكمى ھەققىدە تەپسىلى مۇزاكىرەلەرنى تاپالايسىز . تېخىمۇ كۆپ تەپسىلات ئۈچۈن 43160 - سۇئالغا قاراڭ . تۆتىنچى : غەيرى ئىسلام مەدەنىيتىدە ھەم پايدىلىق ھەم زىيانلىق نەرسىلەر بار . بىز ياخشى نەرسىلەرگە سەل قارىماسلىقىمىز ، زىيانلىق نەرسىلەرنى قوبۇل قىلماسلىقىمىز كىرەك . بۇ پوزىتسىيەنى پېشىۋا شەنقىيتىي( ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھىم-شەپقەت قىلسۇن) يەكۈنلەپ مۇنداق دىگەن : بىزنىڭ غەرپ مەدەنىيتىگە بولغان پوزىتسىيمىز تۆت نەرسىنىڭ بىرى بولىدۇ ، بەشىنچىسى يوق : 1- بۇ مەدەنىيەتنىڭ ياخشى تەرەپلىرى ۋە ناچار تەرەپلىرىگە ئوخشاش سەل قاراش . 2- ئۇنىڭ ياخشى ۋە ناچار تەرەپلىرىنى پۈتۈنلەي قوبۇل قىلىش . 3- ياخشى نەرسىلەرنى قوبۇل قىلماستىن ، ناچار نەرسىلەرنى قوبۇل قىلىش . 4- ناچار نەرسىلەرنى ئەمەس ، ياخشى نەرسىلەرنى قوبۇل قىلىش . ئالدىنقى ئۈچى شۈبھىسىزكى خاتا ، ئۇلارنىڭ پەقەت بىرسىلا توغرا ، يەنى ئەڭ ئاخىرقىسى . [أضواء البيان ](4\382 ). بەشىنچى : ئابدۇللاھ بىن مەسئۇدنىڭ(ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) « مۇسۇلمانلار ياخشى دەپ قارىغان نەرسە ئاللاھنىڭ نەزىرىدىمۇ ياخشىدۇر .» دىگەن سۆزىگە كەلسەك ، بۇ شەرىئەتكە زىت كىلىدىغان نەرسىلەرنى كۆرسەتمەيدۇ ، بەلكى ئەقلى تەپەككۇر ئاساسىدا ياخشى دەپ قارالغان نەرسىنى كۆرسىتىدۇ . ئىمام شافىئىي(ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھىم-شەپقەت قىلسۇن) مۇنداق دىگەن : كىمكى بىر نەرسىنى ياخشى دەپ قارايدىكەن ، ئۇ شەرىئەت قىلىنىدۇ. »بۇ بىر ئادەمنىڭ بىر نەرسىنى ياخشى دەپ قارىشىنى كۆرسەتمەستىن ، بەلكى كۆپ سانلىق كىشىلەرنىڭ قارىشىنى كۆرسىتىدۇ . بەلكى بۇ ئىبارە ئىككى ئۇسۇلنىڭ بىرى بىلەن چۈشەندۈرلىشى مۇمكىن ، ھەر ئىككىلىسى توغرادۇر : 1- ئۇنىڭدا دىمەكچى بولغىنى ، شەرىئەتكە زىت كەلمەيدىغان ئەنئەنە ۋە قائىدە-يۇسۇنلار 2- ئۇنىڭدا دىمەكچى بولغىنى ، بىرلىككە كىلىنگەن قاراشنىڭ دەلىل بولۇشى ، ئەگەر مۇسۇلمانلار بىرنەرسىنى ياخشى دەپ ئويلاپ پۈتۈنلەي بىرلىككە كەلگەن بولسا ، بۇ بىرلىككە كىلىنگەن قاراش دەلىل ھىساپلىنىدۇ .شۇڭا بۇ ئىش ئاللاھنىڭ نەزىرىدىمۇ ياخشى ھىساپلىنىدۇ . مانا بۇ «مۇسۇلمانلار ياخشى دەپ قارىغان نەرسە» ئىبارىسىنىڭ كۆرسىتىدىغان مەنىسى . سەرخەسىينىڭ [المبسوط ]، 12\138 ، ئىبنۇل قەييىمنىڭ [ الفروسية ] 298ب كە قاراڭ . يۇقۇردا تىلغا ئېلىنغان بۇ يەشمىلەر، ئەگەر بىز ئىبنۇ مەسئىۇدنىڭ سۆزى ئومۇمى جەھەتتىن بارلىق مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان دەپ چۈشەندۈرسەك ئاندىن كۈچكە ئىگە .بىراق گەپنىڭ مەزمۇنىدىن ئۇ باشقىلارنى ئەمەس ، پەقەت پەيغەمبەرنىڭ (ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) ھەمرالىرىنى(ساھابىلارنى) كۆرسىتىۋاتقاندەك قىلىدۇ .ئىبنۇ مەسئۇدنىڭ دىگەن سۆزى بولسا :« ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ يۈرەكلىرىگە قارىدى ،ھەمدە مۇھەممەدنىڭ(ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن)يۈرىكىنى ئۇنىڭ بارلىق بەندىلىرىنىڭ يۈرەكلىرى ئىچىدە ئەڭ ياخشىسى ئىكەنلىكىنى بايقىدى . شۇنىڭ بىلەن ئۇنى ئۆزىگە تاللىدى ھەمدە ئۇنى ئۆزىنىڭ ئەلچىسى قىلىپ ئەۋەتتى . ئاندىن ئۇ مۇھەممەدنىڭ(ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن)يۈرىكىدىن كىيىن بارلىق بەندىلىرىنىڭ يۈرەكلىرىگە قارىدى ھەمدە ئۇ ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ(ساھابىلەر)يۈرەكلىرىنى بارلىق بەندىلىرىنىڭ يۈرەكلىرى ئىچىدە ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى بايقىدى ، شۇڭا ئۇ ئۇلارنى دىنى ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان پەيغەمبىرىنىڭ ياردەمچىلىرى قىلدى. شۇڭا مۇسۇلمانلار ياخشى دەپ قارىغان نەرسە ئاللاھنىڭ نەزىرىدىمۇ ياخشى ، نىمىنى مۇسۇلمانلار ناچار دەپ قارىسا ئاللاھنىڭ نەزىرىدىمۇ ناچاردۇر .» ئەھمەت نەقىل قىلغان ، 3418 ؛ پېشىۋا ئەلبانىي[ تخريج الطحاوية ] دە ياخشى ھەدىيس دەپ تۈرگە ئايرىغان ، 530 . نىمىلا بولمىسۇن ، ئىبنۇ مەسئۇدنىڭ سۆزىنى ئىسلامدا چەكلەنگەن نەرسىنى ، مەسىلەن ، مۇشرىكلارنى دوراشنى ياخشى دەپ قاراشقا قارىتىپ دەلىل سۈپىتىدە تىلغا ئېلىش دۇرۇس ئەمەس . ھەمدە ئاللاھ ياخشى بىلىدۇ .