مەدھىيە ئاللاھقا بولسۇن . ئىسلامنى قوبۇل قىلغۇچى كاپىرلىق مەزگىللىرىدە ئۆتۈپ كەتكەن نامازلار ،روزا ، زاكاتنى تولۇقلىمايدۇ ، ئايەتتە كۆرسىتىگەندەك : « (ﺋﻰ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ!) ﻛﺎﭘﯩﺮﻻﺭﻏﺎ ﺋﯧﻴﺘﻘﯩﻨﻜﻰ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯘﻻﺭ (ﻛﯘﻓﺮﯨﺪﯨﻦ، ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻠﯩﺸﯩﺸﺘﯩﻦ) ﻳﺎﻧﺴﺎ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﻜﻰ ﮔﯘﻧﺎﻫﻠﯩﺮﻯ ﻣﻪﻏﭙﯩﺮﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ، ..» [ غەنىمەتلەر : 38 ] ھەمدە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك پەيغەمبەرنىڭ (ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن)مۇنۇ سۆزى بار : « ئىسلام ئىلگىركى كىلىنگەن نەرسىلەرنى بىكار قىلىدۇ .»( مۇسلىم نەقىل قىلغان ، 121 ) ، شۇنىڭدەك ، پەيغەمبەر(ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن)ئىسلامنى قوبۇل قىلغۇچىلارنىڭ ھىچقايسىسىنى ئىلگىرى كاپىرلىق مەزگىللىرىدە ئۆتكۈزىۋەتكەن ئىسلام قائىدە-يۇسۇنلىرىنى تولۇقلاشقا بۇيرىمىغان ، ھەمدە ئىسلام ئالىملىرى بۇ ھەقتە بىردەك . دائىمىي كومىتىت فەتىۋالىرىدىن (6400 ).