مەدھىيە ئاللاھقا بولسۇن . ئىسلام پېشىۋاسى ئىبنۇ تەيمىيەدىن : ناماز ۋە باشقا ئىبادەتلەرگە كىرگەندە نىيەت قىلىش ھەققىدە ، تىلنىڭ سۆزلىشى لازىممۇ ؟ مەسىلەن ، ناماز ئوقۇشنى نىيەت قىلدىم ، روزا تۇتۇشنى نىيەت قىلدىم دىيىش لازىممۇ؟ دەپ سورالغاندا ، ئۇ جاۋاپ بىرىپ مۇنداق دىگەن : " مەدھىيە ئاللاھقا بولسۇن . تاھارەت ، ياكى يۇيۇنۇش ياكى تەيەممۇم قىلىشتىن ئىبارەت پاكلىنىش نىيىتىنى ، ھەمدە ناماز ، روزا ، زاكات ، كەففارەت بىرىش ۋە باشقا ئىبادەتلەرنىڭ نىيىتىنى بارلىق ئىسلام ئىماملىرىنىڭ بىردەكلىكى بىلەن تىلنىڭ سۆزلىشىگە مۇھتاج ئەمەس . بەلكى ئۇلارنىڭ بىردەك قارىشى بىلەن نىيەتنىڭ ئورنى دىل . ناۋادا كىشى خاتالىشىپ ئۇنى دىلىدىكىگە قارشى سۆزلەپ قالسا ، ئۇنداقتا ئۇنىڭ ئىغىزىدىن چىققىنى ئەمەس ، دىلىدا پۈككىنى ھىساپ. ھىچكىم ئۇ توغىرسىدا قارشى پىكىر ئوتتۇرغا قويمىدى ، پەقەت بىرقىسىم ئىمام شافىئىينىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ كىيىنكىلىرى ئۇنى قوللىغان ، بىراق بۇ مەزھەپنىڭ بىر قىسىم ئىماملىرى بۇنى خاتا دىدى . لىكىن ئالىملارنىڭ تالاش-تارتىشى بولسا ، نىيەتنى سۆزلەش ياخشى(مۇستەھەپ)مۇ -ئەمەس ؟ دىگەن مەسىلە . بۇ ھەقتە ئىككى خىل سۆز بار : ئىمام ئەبۇ ھەنىيفە ، شافىئىي ، ۋە ئەھمەد نىڭ بىر قىسىم ھەمرالىرى : ئۇ نىيەتنى كۈچەيتىدىغىنى ئۈچۈن ، نىيەتنى سۆزلەش ياخشى دىگەن . ئىمام مالىك ، ئەھمەد بىر قىسىم ھەمرالىرى ۋە باشقىلار : " ئۇنى ئىغىزدا سۆزلەش ياخشى ئەمەس . چۈنكى ئۇ پەيغەمبەردىن (ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) ، يا ساھابىلەردىن نەقىل قىلىنمىغان بىدئەت . ھەمدە پەيغەمبەر (ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) ئۇممىتىدىن ھىچكىمنى نىيەتنى سۆزلەشكە بۇيرىمىغان ۋە ياكى ئۇ مۇسۇلمانلاردىن ھىچكىمدىن تونۇلمىغان . ناۋادا بۇ بەلگىلەن ئىش بولسىدى ، پەيغەمبەر(ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) ۋە ئۇنىڭ ھەمرالىرى ئۇممەت ھەر كېچە-كۈندۈزدە ئىبادەتلىرىدە قىلىدىغان بۇ ئىشقا سەل قارىمايىتتى . " دىگەن . بۇ سۆز ئەڭ توغرا ، بەلكى نىيەتنى ئىغىزدا دىيىش بولسا ئەقىل ۋە دىن جەھەتتە كەمتۈكلۈك بولىدۇ : دىن جەھەتتە بولسا ئۇ بىر بىدئەت ، ئەقىل جەھەتتە بولسا بۇ بىر تاماق يىمەكچى بولۇپ : نىيەت قىلدىم ، قولۇمنى بۇ قاچىغا قويۇشنى ، مەن ئۇنىڭدىن بىر كاپام ئالىمەن ، ئاندىن ئۇنى ئىغىزىمغا سىلىپ ئۇنى چاينايمەن ، ئاندىن تويۇش ئۈچۈن ئۇنى يۇتىمەن دىگەن كىشىنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشايدۇ . بۇ ئەقىلسىزلىق ۋە نادانلىق . نىيەت بولسا بىلىش بىلەن باغلانغان بولۇپ ، ئەگەر بىر كىشى نىمە قىلىۋاتقىنىنى بىلسە ، ئۇنداقتا ئۇ ئىنقلا بىر نىيەتنى قىلىپ بولدى . ئۇ ئۆزىنىڭ نىمە قىلماقچى ئىكەنلىكىنى بىلىپمۇ ، نىيەت شەكىللەنمىگەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ . بارلىق ئىماملار نىيەتنى ئاۋازلىق سۆزلەش ۋە ئۇنى تەكرارلاشنىڭ دىندا بەلگىلەنمىگەنلىكىگە بىردەك قوشۇلدى . بەلكى كىمكى ئۇنىڭغا ئادەتلەنسە ، ئۇ تەربىيلىنىشى ھەمدە بىدئەت بىلەن ئاللاھقا ئىبادەت قىلماسلىققا ۋە ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ باشقىلارغا دەخلى قىلماسلىققا نەسىھەت قىلىنىشى لازىم . ھەمدە ئاللاھ ياخشى بىلىدۇ . [ « چوڭ فەتىۋالار » 1 214، 215 ]