مەدھىيە ئاللاھقا بولسۇن . كەشكە ياكى پايپاققا مەسىھ قىلىش ۋاقتىنىڭ باشلىنىشىغا كەلسەك ، ئۇ كەشنى بىرىنچى قىتىم كەيگەندىن باشلانماستىن ، بەلكى تاھارەتسىزلىكتىن كىيىن مەسىھ قىلىنغان بىرىنچى قىتىمدىن باشلىنىدۇ . 9640- سۇئالنىڭ جاۋابىغا قاراڭ . مەسىھنىڭ قانداق بولۇشىغا كەلسەك :" سۇ بىلەن ھۆللەنگەن ئىككى قولنىڭ بارماقلىرى ئىككى پۇت بارماقلىرىنىڭ ئۈستىگە قويۇلىدۇ ئاندىن پاچاققىچە سۈرۈپ ماڭدۇرلىدۇ ، ئوڭ پۇت ئوڭ قول بىلەن ، سول پۇت سول قول بىلەن مەسىھ قىلىنىدۇ . مەسىھ قىلغاندا بارماقلار ئىچىلىدۇ ، مەسىھ قىلىش تەكرارلانمايدۇ ." [ الملخص الفقهي للفوزان 1/43 ] كە قاراڭ . پېشىۋا ئىبنۇ ئۇسەيمىين مۇنداق دىگەن : " يەنى ، مەسىھ قىلىنىدىغان ئورۇن بولسا كەشنىڭ ئۈستى قىسمى بولۇپ ، قول پۇت بارماقلىرىدىن پاچاققىچىلا ماڭدۇرلىدۇ . ھەمدە مەسىھ قىلىش ھەر ئىككى قول بىلەن ھەر ئىككى پۇتقا بىرلىكتە قىلىنىدۇ ، يەنى ئوڭ قول ئوڭ پۇتنى سۈرتىدۇ ، ھەمدە بىر ۋاقىتتا سول قول سول پۇتنى سۈرتىدۇ ، خۇددى ئىككى قۇلاقنى سۈرىتكەندەك . چۈنكى بۇ بولسا سۈننەتنىڭ ئاشكارا مەنىسى . يەنى مۇغىيرە بىن شۇئېبەنىڭ سۆزى : « ئىككىلىسىگە مەسىھ قىلدى » بولغاچقا ، ھەمدە ئۇ ئوڭ پۇت بىلەن باشلىدى دىمىدى ، بەلكى : ئىككىلىسىگە مەسىھ قىلدى ، دىدى . سۈننەتنىڭ ئاشكارا مەنىسى مانا مۇشۇ . شۇنداق ، ناۋادا بىر كىشىنىڭ بىر قولى ئىشلىمەيدۇ دەپ پەرەز قىلىنسا ، ئۇنداقتا ئۇ سولدىن بۇرۇن ئوڭنى باشلايدۇ . نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ھەر ئىككى قولى بىلەن ئوڭ پۇتنى ، ۋە ھەر ئىككى قولى بىلەن سول پۇتنى سۈرتىدۇ ،مىنىڭ بىلىشىمچە بۇنىڭ ئاساسى يوق . . . ھەمدە كەشنىڭ ئۈستى قانداق شەكىلدە سۈرتۈلسە ، ئۇ يىتەرلىك . بىراق بىزنىڭ بۇ دىگىنىمىز بولسا ئەۋزىلى . " [ انظر فتاوى المرأة المسلمة ج/1 ص/250 ] كە قاراڭ . كەشنىڭ ئىككى يىنىغا ۋە كەينىگە مەسىھ قىلىنمايدۇ ، چۈنكى ئۇنى سۈرتۈش ھەققىدە ھىچ نەرسە كەلمىگەن . پېشىۋا ئىبنۇ ئۇسەيمىين مۇنداق دىگەن : " بەزىلەر : كەشنىڭ ياكى پايپاقنىڭ ئاستى سۈرتىلىشى كىرەك ، چۈنكى ئۇ ئاسان كىر ۋە مەينەت بولىدۇ ، دىيىش مۇمكىن . بىراق بىز ئۇ ھەقتە ئويلانساق ، پايپاق ئۈستىنىڭ سۈرتىلىشى بەكرەك ئەقىلگە مۇۋاپىقلىقىنى بايقايمىز ، چۈنكى بۇ سۈرتۈشنىڭ مەقسىتى تازلاش ئەمەس ، بەلكى ئۇ بىر ئىبادەت . ئەگەر بىز پايپاقنىڭ ئاستىنى سۈرتىدىغان بولساق ، ئۇنى تىخىمۇ مەينەت قىلىۋىتىدۇ ." ھەمدە ئاللاھ ياخشى بىلىدۇ . [ الشرح الممتع لابن عثيمين ج/1 ص/213. ] كە قاراڭ . پېشىۋا مۇھەممەد سالىھ مۇنەججىد