12347



قىيامەت ، جەننەت ۋە دوزاخ ھەقىقىيمۇ ياكى سىمۋول نەرسىمۇ ؟
ar - en - ug
Share |
سىز ئاخىرەت كۈنى، جەننەت ۋە دوزاخ ھەققىدە ئىشىنىشنى ھەقىقى مەنىدە ئىلىنغان دەپ قارامسىز ياكى سىمۋول مەنىدە ئىلىنغان ؟

مەدھىيە ئاللاھقا بولسۇن .
ئىيمان تۈۋرۈكلىرىنىڭ بىرى بولسا ئۆلگەندىن كىيىن تىرىلىشكە ئىشىنىش . جەننەت ۋە دوزاخ ھەقىقى نەرسە بولۇپ ، ئۇ ئىككىسىگە ئىشىنىش ۋاجىپ . شۇڭا كىمكى ئاللاھقا ئىشەنسە ، توغرا ئىشلارنى قىلسا ، ئۇنىڭ ئاخىرقى تۇرالغۇسى ھەقىقىي ھالدا جەننەت بولىدۇ . ھەمدە كىمكى ئاللاھقا ئىشەنمىسە ، ئۇ ھەقىقى ھالدا دوزاخ كىشىلىرىنىڭ بىرى بولىدۇ . ھەمدە ھەر ئىككىلىسى ئۇنىڭدا مەڭگۈ ياشايدۇ .
پېشىۋا ئابدۇل كەرىيم خۇزەيىر .
پەيغەمبەرلەرنىڭ مۇشرىكلار ، پەيلاسوپلار دىن ئىبارەت دۈشمەنلىرى ۋە باشقىلار ئۆلگەندىن كىيىن تىرىلىش ، ھىساب بىرىش ، جەننەت ۋە دوزاخنىڭ ھەقىقىيلىقىنى ئىنكار قىلدى . ھەمدە بۇ نەرسىلەرنى پەقەتلا سىمۋول نەرسىلەر دەپ سۈپەتلىدى ھەمدە ئۇلارنى مۇئىمىنلەرنىڭ چۈشىنىشىگە ئوخشىمايدىغان ئۇسۇلدا چۈشەندى . بۇ بولسا ئاللاھقا ، ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرى ۋە ئەلچىلىرىگە تۆھمەت چاپلاش .
جەننەت ، دوزاخ ، سىرات( دوزاخ ئۈستىدىكى بىر كۆۋرۈك) ، تارازا ، كۆل ، ئەرىش( تەخىت) ، ئورۇندۇق( كۇرسىي) ، ۋە باشقا نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ھەقىقىي بولۇپ ، بىز ئۇلارغا ھەقىقىي دەپ ئىشىنىمىز . ھەمدە ئۇ ھەقتىكى سۆزلەر بىلەن ئويناشمايمىز . بەلكى بىز ئۇلارغا نەقىلدە كەلگەندەك ئوچۇق ئىشىنىمىز .
پېشىۋا مۇھەممەد سالىھ مۇنەججىد


www.islamqa.com



 
 
 
 
جىمى ھەق-ھوقۇقلار ئىسلام سۇئال-جاۋاب تور بېتىگە ساقلاپ قېلىنغان ©  1997-2013  : 95.67