11443



بارلىق ھەدىيسلەر ئىشەنچىلىكمۇ ؟
بارلىق ھەدىيسلەر ئىشەنچىلىكمۇ ؟

مەدھىيە ئاللاھقا بولسۇن .
پەيغەمبەرگە(ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) مەنسۇپ قىلىنغان ھەدىسلەرنىڭ ئارىسىدا ، بىر قىسمى توغرا(سەھىيھ)دۇر ، بۇلارنىڭ پەيغەمبەرنىڭ(ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) سۆزلىرى ئىكەنلىكىدە شەك يوق . يەنە بىر قىسمى بولۇپ بۇلار ئاجىز(زەئىف) دۇر ، بۇلارنىڭ پەيغەمبەرگە مەنسۇپ ئىكەنلىكىگە شەكلىنىشكە بولىدۇ . توغرا ۋە ئاجىز ھەدىسلەرنىڭ ھەر ئىككىلىسى ئالىملارغا ناھايىتى تونۇشتۇر . توغرا ھەدىسلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان توغرا ھەدىس كىتاپلىرى تۈزۈلدى ، مەسىلەن ، سەھىيھۇل بۇخارىي، سەھىيھۇل مۇسلىمغا ئوخشاش . يەنە توغرا ھەدىسلەر ۋە باشقا ھەدىسلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىتاپلار بار ، قالغان ھەدىيس كىتاپلىرىغا ئوخشاش .
ئالىملار توغرا ھەدىيسلەرنى باشقىلىرىدىن ئايرىشقا كۆپ كۈچ سەرىپ قىلدى ، بۇ ،ھەدىيس ئىلمىنى مەخسۇس ئۆگىنىۋاتقان ياش ئوقۇغۇچىلارغا مەلۇم .
پېشىۋا ئابدۇلكەرىيم خۇزەير
 


www.islamqa.com



 
 
 
 
جىمى ھەق-ھوقۇقلار ئىسلام سۇئال-جاۋاب تور بېتىگە ساقلاپ قېلىنغان ©  1997-2009  : 84.07