مەدھىيە ئاللاھقا بولسۇن . قۇرئان مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى قۇرئان دەپ قارالمايدۇ ، ھەمدە ھەممە جەھەتتىن ئوخشاش ئورۇندا تۇرمايدۇ . بەلكى ئۇ قۇرئاننىڭ مەنىلىرىنى يېشىپ بىرىدىغان ۋە چۈشىنىشكە ياردەم قىلىدىغان ئەرەپچە يەشمە(تەپسىر)گە ئوخشايدۇ . بۇنىڭغا ئاساسەن ، كاپىرلارغا ئەرەپچە تېكىستى يوق قۇرئان مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسىنى بىرىشكە بولىدۇ ، ھەمدە ئۇلارنىڭ ئەرەپچە يەشمىسىنى تۇتۇشىغا بولىدۇ . [ فەتىۋا دائىمىي كومىتېتى ، 4\133 ] بۇنىڭغا ئاساسەن سىز ئۇلارغا بۇ تەرجىمىنى بەرسىڭىز بولىدۇ . ئاللاھ بىزگە ، سىزگە كىشىلەرنى ئۇنىڭ يولىغا توغرا ئۇسۇلدا چاقىرىشقا ياردەم قىلسۇن . ئاللاھ پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەدنى تەرىپلىسۇن ۋە ئامان قىلسۇن . پېشىۋا مۇھەممەت سالىھ مۇنەججىد .