مەدھىيە ئاللاھقا بولسۇن . پېشىۋا ئابدۇل ئەزىيز بىن باز دىن مۇشۇنىڭغا ئوخشاش سۇئال سورۇلۇپ ، مۇنداق دىگەن : كۆپ سانلىق ئالىملارنىڭ قارىشىغا ئاساسەن مۇسۇلماننىڭ قۇرئاننى تاھارەتسىز تۇتۇشى دۇرۇس ئەمەس . بۇ بولسا تۆت ئىمامنىڭ قارىشى ( ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن) ، ھەمدە پەيغەمبەرنىڭ (ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) ھەمراھلىرىنىڭ بىرىدىغان فەتىۋاسى . ئۇ ھەقتە بىر سەھىيھ ھەدىيس ئەمرۇ بىن ھەزىمدىن نەقىل قىلىنغان بولۇپ ، پەيغەمبەر (ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) يەمەن خەلقىگە : « قۇرئاننى پاك كىشىدىن باشقىسى تۇتمىسۇن . » دەپ خەت يازغان . بۇ بەلەن ھەدىيس بولۇپ ، ئۇنى كۈچەيتىدىغان بىر قانچە باشقا ئىسنادلار بار . شۇڭا مەلۇم بولۇدىكى ، قۇرئاننى پەقەت چوڭ ۋە كىچىك ناپاكلىقتىن پاكلانغان ھالەتتىلا تۇتۇشقا بولىدۇ . بۇ ھەم ناپاك ھالەتتە ئۇنى بىر جايدىن يەنە بىر جايغا يۆتكەشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . لىكىن ئۇنى ۋاستە بىلەن تۇتسا ياكى يۆتكىسە ، مەسىلەن ، ئۇنى بىر نەرسىگە ئوراپ تۇتسا ، ئۇنداقتا ھىچ ۋەقەسى يوق . بىراق ئۇنى ناپاك ھالەتتە ئۇنى بىۋاستە تۇتسا ، كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ توغرا قارىشىغا ئاساسەن ، يۇقۇردا تىلغا ئىلىنغان سەۋەپلەر تۈپەيلى دۇرۇس بولمايدۇ . ئۇنى تىلاۋەت قىلىشقا نىسبەتەن ، ئەگەر تاھارەتسىز ھالەتتە ئۇنى يادقا ئوقۇسا بولىدۇ ، ياكى قۇرئاننى تۈزۈتۈپ بىرىشنى ياكى ئۆگۈتۈپ قويۇشنى سوراپ كەلگەن كىشى تۇتۇپ بىرىپ ئوقۇسا بولىدۇ . لىكىن جۇنۇپ كىشى قۇرئاننى ئوقۇمايدۇ . چۈنكى پەيغەمبەردىن(ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) نەقىل قىلىندىكى ، قۇرئان تىلاۋەت قىلىشنى جۇنۇپلۇقتىن باشقا نەرسە توسۇمايدۇ . ئەھمەد بەلەن ئىسناد بىلەن ئەلىيدىن ( ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) نەقىل قىلدىكى ، پەيغەمبەر(ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) ھاجەتخانىدىن چىققاندا ، قۇرئاندىن مەلۇم نەرسىنى تىلاۋەت قىلدى . ھەمدە ئۇ مۇنداق دىدى : « بۇ بولسا جۇنۇپ ئەمەس كىشىگىلا بولۇپ ، جۇنۇپ كىشى بۇنى قىلمايدۇ ، ھەتتا بىرەر ئايەت بولسىمۇ . » خۇلاسە : جۇنۇپ كىشى قۇرئاننى مۇسھەپتىن( قۇرئان كىتابى) بولسۇن ياكى يادقا بولسۇن ، تاكى يۇيۇنمىغۇچە ئوقۇمايدۇ . بىراق تاھارىتى سۇنغان ، جۇنۇپ ئەمەس كىشى قۇرئاننى يادقا ئوقۇيدۇ ، لىكىن مۇسھەپنى تۇتمايدۇ . [ ئىبنۇ باز فەتىۋالىرى ، 10150 ] مۇئىمىننىڭ پاكلىقى ھەدىيسىگە كەلسەك ، ئەبۇ ھۇرەيرىدىن نەقىل قىلىندىكى ، ئۇ مۇنداق دىگەن : مەن پەيغەمبەر بىلەن ئۇچرىشىپ قالدىم ھەمدە مەن جۇنۇپ ئىدىم . ئۇ مىنىڭ قولۇمنى تۇتتى ھەمدە ئۇ بىرىپ ئولتۇرغۇچە ئۇنىڭ بىلەن ماڭدىم . ئاندىن مەن غىپپىدە كىتىپ ، يۇيۇندۇم . ئاندىن مەن ئۇ ئولتۇرغان جايغا كەلدىم . ئۇ مۇنداق دىدى : « ھەي ئەبۇ ھۇرەيرە ، سەن قەيەردە ئىدىڭ ؟ » مەن ئۇنىڭغا ئېيىتتىم . ھەمد ە ئۇ : « سۇبھانەللاھ ! ھەي ئەبۇ ھۇرەيرە ، مۇئىمىن ناپاك بولمايدۇ . » دىدى . [ بۇخارىي( غۇسل 276 ) ، مۇسلىم ( ھەيىز ، 556) نەقىل قىلغان ] نەۋەۋىي ئۆزىنىڭ سەھىيھ مۇسلىمغا قىلغان شەرھىيسىدە مۇنداق دىگەن : " بۇ ھەدىيس مۇسۇلماننىڭ تىرىك ياكى ئۆلۈك بولسۇن پاكلىقىدىن ئىبارەت چوڭ پىرىنسىپنى يورۇتۇپ بىرىدۇ . ئەگەر ئۇنىڭ پاكلىقى مۇقىملاشسا ، ئۇنداقتا مەيلى ئۇ تاھارەتسىز ياكى جۇنۇپ بولسۇن ، ياكى ھەيىزدار ، ياكى نىپاسدار بولسۇن ، ئۇنىڭ تەرى ، شۆلگىيى ۋە يىشى ھەممىسى پاك . بۇ بىلىنسە ، ئۇنداقتا ئۇنىڭ پاكلىقىنىڭ مەنىسى ئايدىڭلىشىدۇ . ئۇنىڭ مەنىسى ھىچقانداق نەرسە ئۇنىڭ بەدىنىنىڭ ماھىيەتتە پاكلىقىنى توسۇپ قالمايدۇ ، گەرچە شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئۇنىڭ تاھارىتى سۇنغان بولسىمۇ . چۈنكى تاھارەتسىز بولۇش پەقەت كىشىنى نامازدىن ياكى باشقا پاكلىقنى شەرت قىلىدىغان ئىشلاردىن توسۇپ قويىدىغان سۈپەت . ھەمدە ئاللاھ ياخشى بىلىدۇ . پېشىۋا مۇھەممەد سالىھ مۇنەججىد